تەپەككۈرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسى
تەپەككۈر ئادەم مىڭسنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى. ئادەم مىڭىسى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنىڭ بىر قىسىمى. ئۇ ئارقا مېڭە، ئوتتۇرا مېڭە ۋە ئالدى مېڭىدىن تەركىپ تاپقان. ئالدى مېڭە يەنە ئارلىق مېڭە ۋە ئالدى مېڭنىڭ ئالدى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.
تەپەككۈر پائاليتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قىسمى بولسا چوڭ مېڭنىڭ ئالدى قىسىم مېڭىگە ئورونلاشقان. يەنى ئالدى مېڭنىڭ ئالدى قىسمى مەركىزى نېرۋا سېستمىسنىڭ ئەڭ ئالىي مەركىزى بۇلۇپ، ئوڭ –سول تەرىپى سېمىترىك، يەنى ئۇ چوڭ مېڭنىڭ سول يېرىم شارى ۋە ئوڭ يېرىم شارىغا بۆلۈنىدۇ.تەپەككۈر پائاليىتى چوڭ مېڭىنىڭ سول يېرىم شارىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىنسانلار ھازىرغىچە فىزىكا، خېمىيىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەپەككۈرنىڭ چوڭ مېڭە پائاليىتىدىكى مىكىرو مىخاينىزىم جەرياننى شەرھلەپ بېرەلمىدى. تەتقىقاتلار چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ –سول يېرىم شارلىرنىڭ تەپەككۈر پائاليىتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا ئوخشىمغان ئىقتدارلاردا بولىدىغانلىقنى يەنى ساغلام ئادەملەر مېڭسنىڭ سول يېرىم شارى سۆزلەش ئىقتدارنى ئاساس قىلىدىغانلىقنى، لوگىكلىق تەپەككۈر قىلغاندا سول يېرىم شار خىزمىتنىڭ كۆرنەرلىك بولىدىغانلىقنى، ئوڭ يېرىم شار بولسا ھەرخىل ئۆلچەمدىكى بوشلۇق سۈرەتلىرنى ھېس قىلىش، مۇزىكا ۋە سەنئەتنى چۈشۈنۈشتە ناھايتتى جانلىق ئىكەنلىكنى ئىسپاتلىدى. يەنە بەزى تەتققاتلار چوڭ مېڭە سول يېرىم شارنىڭ ئاساسلىق ئابستكىراكتنى لوگىكىلىق تەپەككۈرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقنى، ئوڭ يېرىم شارنىڭ بولسا ئوبرازلىق تەپەككۈرغا مەسئول ئىكەنلىكنى دەلىللەيىدۇ.
تەپەككۈرنىڭ ئوبىكتىۋىلىقى
ئادەمنىڭ تەپەككۈرى چوڭ مېڭە ھۆجەيرىلىرنىڭ پائاليتنى ئاساس قىلىدۇ.بۇ بىر تۈرلۈك ئوبىكتىپ ھادىسە. تەپەككۈرنىڭ ئوبىكتىۋىلىقى تۆۋەندىكى بىر قانىچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتى چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرنىڭ ماددى ھەركىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. گەرچە ئىنىسانلار ھازىرغىچە فىزىكا، خىميلىك ئۇسۇللار ئارقلىق تەپەككۈر پائاليتنىڭ سىرنى ئېچىپ بېرەلمىگەن بولسمۇ، بىراق تەپەككۈر ئەمەليەتتە بىر
خىل ئالاھىدە بولغان ماددىلار ھەركىتىدىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، تەپەككۈر ھەركىتى بىر جەرياننىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ بەلگىلىك ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ.مەسلەن : ماتىماتكا مەسىللىرنى ئىشلەيلى، بىر ئىش قىلشنى پىلانلايلى ياكى بىر كېسەلگە دىئاگونوز قويايلى ھەممىسگە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئوبىكتىپ جەرياننىڭ ئىپادىسى.
ئۈچۈنچى، تەپەككۇر پائاليىتنىڭ ئۆزى بولسا كىشلەر بىلەلەيىدىغان نەرسە. كىشلەر تەپەككۈر قىلش ۋە ئەسلەش ئارقىلىق، مەلۇم جەھەتتىن تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلەيدۇ.
تۆتىنچى.تەپەككۇر پائالىيىتى بىرلەمچى بۇلۇپ، تەپەككۇر پائالىيىتى ئوبىكتىپ ئىرادىگە باقمايدۇ. ئادەمنىڭ ئوبىكتىپ ئىرادىسى قانداق بۇلىشىدىن قەتتىنەزەر، تەپەككۇر پائالىيىتى داۋاملىشىۋېرىدۇ.تەپەككۇرپائالىيىشەكىللەندۈگەن،ئىدىيىۋىقاراشلار،نەزەرىيىلەرئىككىلەمچى بولىدۇ.
تەپەككۇر مەنىسىنىڭ قاتلىمى، تەپەككۇرئىككى قاتلاملىق مەناغا ئىگە. بىرسى، ئىدىيە، كۆزقاراش، نەزەرىيە ھەققىدىكى تەپەككۇر.مەسلەن لوەىكىدا دىيىلگەن‹تەپەككۇر›بولسا، ئۇقۇم، ھۈكۈم، خۇلاسەبۇلۇپ، تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى.بۇ يەردىكى تەپەككۇر ئىدىيە ۋە نەزەرىيە قاتلىمىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ‹تەپەككۇر›دۇر. يەنە بىر مەنىسى بولسا تەپەككۇر پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ يەردىكىسى ئىنسانلارنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە تايىنىپ ئوبىتىپ شەيئىلەرنى تەپەككۇر قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ كىتاپتا تەپەككۈر بىر خىل ئوبىكتىپ ھادسە دەپ قارىلىپ مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئۇمۇمەن، تەپەككۈر ئۇقۇمنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە قاتلام مەنىسى بار. بىرنىچى، ئۇ چوڭ مېڭە ھەركىتنى ئىپادىلەش شەكىلى قىلغان تەپەككۈر پائاليىتى. ئىككنچى، ئىنسانلارنىڭ بىلشى ۋە ئوبىكتىپ دۇنىيانى ئۆزگەرتشىدىكى كۆۋرۈك. ئۈچۈنچى، ئىنسانلارنىڭ ئوبىكتىپ دۇنىيانى ۋاستلىق ۋە چوڭقۇر چۈشۈنىشىدىكى بىردىن –بىر يول.