ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

تېرىنى ۋە يۈرەكنى ئاسراشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. تېرىنى ئاسراش:
 (1) تېرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. (2) ئىسسىق، سوغۇق، قۇرۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. (3) تېرىگە زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلەپ تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
2. يۈرەكنى ئاسراش:
 يۈرەك ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىقى ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر. يۈرەك ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بەك يېقىن ئالاقىدار ئەزا بولغاچقا، ئىچكى ۋە تاشقى تەسىراتنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىدۇ. بولۇپمۇ سىرتقى تەسىرات ۋە روھىي كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىشلەر مەسىلەن: غەزەپ، خۇشاللىق، غەم − قايغۇ ۋە روھىي زەربىلەر بىۋاسىتە يۈرەككە تەسىر قىلىپ يۈرەكنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىگىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ. ئەگەر يۈرەكنىڭ خىزمىتى بۇزۇلسا، پۈتۈن ئەزالارنىڭ، جۈملىدىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ تەسىر يېتىپ، ھەرخىل ئەسەبىي − روھىي كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روھىي جەھەتتىن دىققەتچىلىك ۋە روھىي زەربىگە ئۇچرىمىغان ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى شۇنىڭغا باغلىق دېيىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يۈرەكنى قوزغاپ ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرىدىغان ھەرخىل ماددىي ئامىللار ۋە دورا – دەرمەكلەرنى زۆرۈر بولمىغاندا ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بەدبۇي پۇراقلار، قاڭسىق تاماقلار ۋە دەھشەتلىك، قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەر ۋە ئۇشتۇمتۇت ئۇچرىغان دەھشەتلىك ھادىسىلەر )مەسىلەن: ۋەھشىي ھايۋانلار، ئىتلار، بۆرىلەرنىڭ قورقۇتۇشى( ۋە قاتتىق ئاۋازلارمۇ يۈرەكتە يامان تەسىر قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈرەكنى ماددىي ۋە روھىي يامان تەسىراتلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاسراش لازىم. ھاراق، تاماكا، سېمىز گۆش، ياغ، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار يۈرەككە سالامەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. تاتلىق تۈرۈملەر، ئالما ۋە مېۋە − چىۋىلەر، ۋىتامىنلار يۈرەككە پايدىلىق.


(1) روھى ئامىللارنىڭ زىيادە قوزغىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى روھى كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرى بەدەننى قۇرۇتىدۇ ھەم سۇۋۇتىدۇ. روھىنىڭ تۇلۇقلىنىپ تۇرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئادەم بەدىنىدە ئەسەبىي خاراكتېرلىك كەيپىيات زىيادە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئاقىۋەتتە قۇۋىتى نەپسنىڭ يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇپ تۇرۇش خىزمىتىگە تەسىر يىتىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك ئېغىش، يۈرەك تىترەش، قورقۇنچاقلىق ھەتتا ئۇشتۇمتۇت ھوشىدىن كېتىش خارەكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (2) بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر جىسمانى ھەركەتلەرنى كۈچەپ قىلماسلىق، ئېغىر جىسمانى ھەركەتلەر ھەركەتنىڭ زىيادىلىكىگە كىرىدۇ. زىيادە قىلغان ھەرىكەت قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، نېرۋا ئۇچلىرىنى زىيادە كۈچلۈك غىدىقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە يۈرەك رىتىمسىزلىشىش، يۈرەك ئېغىش، چالاڭغۇراش ئەھۋاللىرىنى كېلىپ چىقىدۇ.(3) يېمەك- ئىچمەكنىڭ تەركىۋىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، يەنى تۇز، ياغ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئادەتتە ئاقسىللىق قىممىتى يۇقىرى بولغان ياغنىڭ چۆكۈشى تۆۋەن، ئېنىرگىيىسى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن سېرىق ماي، قايماق، سۈت قاتارلىقلار. يىمەكلىكلەر ئىچىدە مەلۇم مىقداردا ئېنىرگىيىنى بىۋاسىتە تولۇقلاش مەقسىدى بىلەن ئىمكانىيەت بولغان شارائىتتا قەن تەركىبى تويۇنمىغان يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. تۇزلۇق يىمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ Naنىڭ چۆكۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پوتېنسىئاللىق ئېنىرگىيىنى تەرتىپسىزلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەك سىنۇس تۈگۈنگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ زىيادە سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم يوللىرىنىڭ تارتىشىش خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماي زىيادە بولغاندا يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيىسى قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. (4) ئەقلى خىزمەت پائالىيەت ۋە جىنسى تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش كېرەك. ئەقىلىي خىزمەتنىڭ زىيادە بولۇشى نىرۋاچارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نېرۋىنىڭ چارچىشى نېرۋىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاخىردا نېرۋا خارەكتىرلىك يۈرەك ئاجىزلىق، نېرۋا خارەكتىرلىك يۈرەك خىزمىتى چېكىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(5) يۈرەكنى كۈچلۈندۈرگۈچى ، خوشلاق كەلتۈرگۈچى، قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا- دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم. نورمال ئەھۋالدا بۇ دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتسە، روھنى زىيادە قوزغىتىدۇ، بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى زىيادە ئاشۇرىدۇ ۋە ئىنتىلىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. نەتىجىدە ئويغۇنۇش خاراكتېرلىك تۇرمۇشتا تەرتىپسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. خىزمەت ۋە ئەقلى پائالىيەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يۈرەكنىڭ نورمالنى فىزولوگىيىلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ، يۈرەكنىڭ نېرۋا ئامىللىرى بىلەن تەڭشەشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.(6) ھېسسىيات خاراكتېرلىك ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقىلىنىش، مەسىلەن: ئىشقى مۇھەببەت، ئاشىق- بىقارار، 7) ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش. مەسىلەن: رىماتىزىم، سىمپتوماتىك بۆرە چاقىسى خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر، ئۇنىڭدىن باشقا تۇبېركۇليۇز، زۇكام قاتارلىقلارنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button