تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى
تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى دېگەن نېمە؟
تاشقى شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق شۇ تاشقى شەيئى توغرىسىدا كونكرېت، ئابستىراكىت چۈشەنچە بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت ــــ تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى دېيىلىدۇ.
تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى بەش تۈرلۈك بولىدۇ.
كۆرۈش قۇۋۋىتى
شەيئىلەرنىڭ شەكلى، ھالىتى، رەڭگى، ھەجمى، مىقدارى، دەرىجىسى ۋە ئابىستراكىت خۇسۇسىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەتنى كۆرۈش قۇۋۋىتى دەيمىز.
مەسىلەن: مەلۇم كىشىنىڭ ئېگىز – پاكارلىقى، ئورۇق – سېمىزلىكى، رەڭگى قاتارلىقلار.
كۆرۈش سېزىم قۇۋۋىتى ــــ ئاساسەن كۆرۈش پائالىيىتىنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەتتۇر.
ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق كونترۇل قىلىنىدۇ. كۆرۈش N سېزىمى، كۆۋرۈك مېڭە ۋە دۆڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈش سېزىمىگە قاتنىشىدىغان نېرۋىلار: كۈرۈش نېرۋا، ئۇچلۇق نېرۋا ۋە ۋىگىتاتىپ نېرۋىدىن ئىبارەت.
كۆز ئالمىسى بولسا بەش خىل ئاپپاراتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
① ئەينەكسىمان تەنچە
② كىرپىكسىمان تەنچە
③ دالانچە سۇيۇقلۇقى
④ كۆرۈش تورى پەردىسى
⑤ سېرىق تەن (كۆرۈش تەنچىسى)
سىرتتىن كەلگەن نۇر كۆز ئالمىسىغا كىرگەندە كۆز قارىچۇقىدىن ئۆتۈپ، ئەينەكسىمان تەن ئارقىلىق كىرپىكسىمان تەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. قارمۇ – قارشى نۇر سۇندۇرىدۇ. دالانچە سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چاستوتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشۈپ قايتا سۇندۇرۇش ئارقىلىق كۆرۈش مەركىزىگە يېتىپ بارىدۇ.
ئىچكى بەش سېزىمغا بولغان رولى: تەپەككۇر، ئەستە ساقلاش، قوغدىنىش قۇۋۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ.
ئاڭلاش قۇۋۋىتى