ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى _ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى
ئابدۇقادىر ئابدۇۋايىت
( شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدىن)
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى خۇددى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»غا ئوخشاش تاكامۇللىشىپ، تارىخ تەرەققىياتىنى بويلاپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەن بولسا، بەزىلىرى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ياكى يوقاتماقتا. 2500 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تاكى غەرب تېبابەتچىلىكى كىرىپ رەسمىي ئورۇن ئىگىلەپ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى يولغا قۇيغۇچە (غەرب تېبابەتچىلىكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب مىسيۇنىرلىرى تەرىپىدىن غولجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق رايونلارغا كىرگەن، 1940 – يىللاردىن كېيىن رەسمىي ئورۇن ئىگىلەپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان) شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك سۈپىتىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، شۇنداقلا ساغلام ھالدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئورنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. شەكسىزكى، بۇ قىممەتلىك مىراس بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە غەرب تېبابەتچىلىكى تەرەققىي قىلىپ ئىنسان تېنىنى ھۈجەيرە، مالېكۇلا سەۋىيىسىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ تەتقىق قىلالايدىغان، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك مۇرەككەپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىمىيىۋى دورىلار بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، بەدەندە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادا تەبىئىيلىككە قايتىش قىزغىنلىقى پەيدا بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىككە موھتاج» دەيدىغان تەشەببۇس ئۇتتۇرىغا چىقتى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولغان ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنى يېڭىۋاشتىن تونۇپ يېتىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنىڭ سىر – ئەسرالىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئىزدەنمەكتە. مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت بىزدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مىراسى، ۋەتىنىمىز ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىشىمىزنى؛ ئايرىم كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنى «80 خالتىچى» دەپ كەمسىتىدىغان خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراش ۋە ئىلمىي دۇنياقاراش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى قوغدىشىمىز، گۈللەندۈرۈشىمىزنى؛ ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام ھالدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تونۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە تەدرىجىي ھالدا بىر قەدەر مۇكەممەل، مۇستەقىل نەزەرىيە سىستېمىسى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز بۇلارنى نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك دەپ ئىككى چوڭ سىستېمىغا بۆلۈپ تەتقىق قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك تۆت چوڭ ماددا، يەنى مىزاج، خىلىت، ئەزا، قۇۋۋەت، روھ تەلىماتىنى، ساقلىقنى ساقلاش زۆرۈر قائىدىلىرىنى، ساقلىق ۋە كېسەللىك، ئىلمى تەشخىس (دىئاگنوز قويۇش) نەزەرىيىلىرى، داۋالاش قائىدە – پرىنسىپلىرى، شۇنداقلا يېمەك – ئىچمەك، كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمەلىي تېبابەتچىلىك ئىلمى كۆپلىگەن كلىنىكىلىق بۆلۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 1000 – 1400 يىل ئىلگىرىلا تېۋىپلىرىمىز ئەمەلىي تېبابەتچىلىك ئىلمىنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، تۈرلۈك ئىچكىي كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى،جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، جاراسىم (مىكرۇپ) كېسەللىكلىرى ۋە تازىلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى نەسىھەتلەر قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىغان. بۇ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئون نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، مۇكەممەل سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىققا دائىم زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ ماددا، يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىددىيىتى نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىرىدە بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يېتىلمەيدىغانلىقى، ھاياتلىق بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆت چوڭ ماددا ئوخشاشمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا ھۆل ئىسسىق؛ سۇ ھۆل سۇغۇق؛ تۇپراق قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ . ئۇلار بىر – بىرىگە زىت كېلىدۇ، شۇنىڭدەك بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بەدەندە ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت خىل كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارىمۇقارشى پائالىيەتلىرى، يەنى بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇدادلارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى تۆت چوڭ ماددىنى دەۋر قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۇپ بولۇشى تۆت چوڭ ماددىدىن قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ رەڭگىرويى ، قەددى – قامىتى، خۇلق – مىجەزى، تۇرمۇش ئادىتى، پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تىپىك پەرقلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىسمى ئۇلارنىڭ مىجەزىنى تۈزەشكە خام ئەشيا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئارىلاش كەيپىياتىدىن ھاسىل بولىدۇ.
خىلىت تەلىماتى تۆت چوڭ ماددا ۋە مىزاجلار توغرىسىدىكى تەلىماتلار قەدىمكى ماتېرىيالىستىك كۆزقاراشلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ساقلىق، كېسەللىك، كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەلىماتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت خىلىتنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى زاھىرى، دەپ شەرھلەيدۇ. تۆت خىلىت (سەپرا، قان ، بەلغەم، سەۋدا) ئىنسانلار ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇق، سۈمۈرگەن ھاۋا ۋە زامان، ماكاننىڭ تەسىرىدىن ئىنسان بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان، شۇنىڭدەك مەخسۇس ئەزالاردا ساقلىنىپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەمىنلەيدىغان، بەدەننى تەشكىل قىلىدىغان، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلاردىن ئىبارەت. سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قاننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئۇلار ھاياتلىققا سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ، ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ھازىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىنى تىزگىنلەيدۇ، تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نىسبىي، زىددىيىتى مۇتلەق بولىدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەھەتلەردىكى غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى بىلەن بەدەندە مۇناسىپ ھالدىكى كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سان – سۈپەت جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىم ئىچكىي سەۋەبلىرى بولسا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاناسىر ۋە باشقا ئامىللارنىڭ غەيرىي تەسىرى تاشقىي سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى: ئادەمنىڭ ئومۇمىي بەدىنىنى بىر پۈتۈن گەۋدە، دەپ قارايدۇ. ئەزالارنى تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراپ، باشقۇرغۇچى ئەزا ۋە باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيدۇ. يەنى مېڭە، يۈرەك، جىگەرلەرنى باشقۇرغۇچى ئەزا (رەئىس ئەزا)لار؛ ئۆپكە، ئاشقازان، تال، ئۈچەي، بۆرەك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە يۇقىرىقى ئەزالارنىڭ كونكرېت روللىرىغا قاراپ بەزىلىرىنى ھەم باشقۇرغۇچى، ھەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. مېڭىنى تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانىي، يەنى روھى نەپسانىنىڭ مەركىزى؛ يۈرەكنى تىرىكلىك (روھى ھايۋانى)نىڭ باشلىنىش مەنبەسى؛ جىگەرنى ئىنسان ھاياتىدىكى تەبىئىي كۈچنىڭ مەركىزى، دەپ تونۇيدۇ. ئادەم ھاياتى تاماملانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەقلىي ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەر سەۋەبچىسى بولغان ئامىل قۇۋۋەتنى چوڭ جەھەتتە ھاياتلىق كۈچى (قۇۋۋەتى ھايۋانى،ئورنى يۈرەكتە)، روھىي كۈچى (قۇۋۋەتى نەپسانى، ئورنى مېڭىدە)، تەبىئىي كۈچى (قۇۋۋەتى تەبىئى، ئورنى جىگەردە) دەپ ئۈچكە ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى نۇرغۇنلىغان كۈچلەرگە ئايرىپ، ئايرىم- ئايرىم تەرىپلەپ شەرھلەيدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە ھاۋا، يېمەك – ئىچمەك، ھەرىكەت، دەم ئېلىش، ئۇخلاش، ئويغاقلىق، تۇتۇش ۋە چىقىرىش تەڭپۇڭلۇقىنى ۋە روھىي ھالەتلەرنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى، تازىلىق ۋە باشقا جەھەتلەردىكى يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، تونۇپ ھۆكۈم چىقىرىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئىلمىي قاراش ۋە ئۇسۇللارنى ياراتقان بولۇپ، بۇ، كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگنوز قويۇش، كېسەللىكلەرنى دەل، مۇۋاپىق داۋالاپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى، مىزاج، خىلىت تەلىماتى، قۇۋۋەت نەزەرىيىسى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ئەزانىڭ خىزمەت پائالىيىتى نەزەرىيىلىرى ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ تاشقىي مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىكى، زىددىيىتى ئاساسىدىكى تونۇشلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكىي – تاشقىي سەۋەب ۋە باشقا ئامىللار ھەمدە ئالامەتلەرنى ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا ھەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىش بىلەن كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئىچىدە قاراپ تەكشۈرۈش، تىڭشاپ تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، پۇراپ تەكشۈرۈش، سىيلاپ تەكشۈرۈش، تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش، تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قۇسۇق، خەپرۈكلەرنى تەكشۈرۈش ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋالاش پرىنسىپلىرى تۆت چوڭ ماددا، مىزاج، خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپرەك مىزاجنىڭ خىلىت (ماددا)لىق ۋە خىلىت (ماددا)سىز بۇزۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۈزىتىش، يەرلىك ئورۇندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈش، كونكرېت كېسەلنى كونكرېت ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى چوڭ جەھەتتە، پەرۋىش ۋە روھىي چارىلەر بىلەن داۋالاش، يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن داۋالاش، دورىلار بىلەن داۋالاش، قول ئەمەلىيىتى بىلەن داۋالاش دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېمەك – ئىچمەك بىلەن كېسەل داۋالاش ۋە كۈتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن داۋالاشتا، ئوزۇقلار ئارقىلىق بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. يېمەك – ئىچمەكلەر رولىغا قاراپ غىزايى مۇتلەق (ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان تاماقلار)، غىزايى داۋائى (ئوزۇقلۇق ھەم داۋالىق رولى بار تاماقلار)، داۋايى غىزايى (داۋالىق رولى بار تاماقلار) دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاماق بۇيرۇلىدۇ.
دورا ئىلمى ۋە ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. دورىلار ئىلمى دورا ماتېرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يىغىش، ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيىتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20 نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە تۈرلەر بويىچە ھەر بىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۈزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى (ئورۇنباسارى)، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ.
ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ماددىي ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. تېبابەت پېشىۋالىرىمىز تارىختا دورىلارنى ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىچىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەب، سۇپۇپ، قۇرس، قايناتما، چىلانما، قىيام، شەربەت، رۇپ، مەجۇنات، ئەرەقىيات، زىماد، مەلھەم، قەترە (كۆزگە تامدۇرۇلىدىغان دورا)، پەرزىجە، ھوقنە، شىياف ۋە باشقا ياسالمىلارغا بۆلۈپ ياساپ ئىشلەتكەن. ھازىرمۇ دورا ياسالما شەكىللىرى چوڭ جەھەتتە خېمىر دورىلار، قاتتىق دورىلار، تالقان دورىلار، سۇيۇق دورىلار، سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دەپ بەش تۈرگە، ھەربىر تۈرى يەنە نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ، يەنى خېمىر دورىلار ئىتتىرپىل، ئايارەج، تەرياق، لوئۇق، جاۋارىش، مەجۇنات، لوبوپلارغا؛ قاتتىق دورىلار بانادۇق، ھەب، قۇرسىلارغا؛ تالقان دورىلار سۇپۇپ، سۇنۇن، سۈرمە ۋە سەپمىلەرگە؛ سۇيۇق دورىلار شەربەت، ئەرەق، مۇراببا،گۈلقەنت، چىلانما، لوئاپلارغا؛ سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ياغ، مەلھەم، زىماد، ھوقنە، تامچىلارغا ئايرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قانداقتۇر نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلىرى قالاق ھېسابلىنىدىغان، ئايرىم كىشىلەرنىڭ جان بېقىش ۋاسىتىسى قىلىۋالىدىغان سەپسەتە ياكى ھۈنەر – كەسىپ بولماستىن، بەلكى مۇكەممەل نەزەرىيىۋى ئاساسقا، ئۆزگىچە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئۇسۇللىرىغا، يۈكسەك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىلىمدۇر. شۇڭا بىز ئۇنى توغرا تونۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ، ئۇنى رېئال دۇنيا بىلەن، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.