ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئورۇقلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىشتە، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئۆزىدە بار بولغان كېسەللىكلەرنى چوقۇم پۇختا بىلىشى، قايسى تۈرلۈك ئورۇقلاش دورىسىنى ئىشلىتىشتە، چوقۇم مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىشى كېرەك. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلار ئورۇقلاش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ:
1). ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى (ئۆلچەملىك ئېغىرلىق)نى ھېساپلاپ چىقىپ، ئاندىن ھەقىقىي ئېغىرلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، سەمىرىش ئەھۋالىغا قاراپ بېقىش. پەقەت بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ئۆلچەمدىن %20 ئىشىپ كەتكەندىلا، ئاندىن سېمىز ھېساپلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن %30 ئېشىپ كېتىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك سېمىزلىككە يەتكەندە، ئاندىن ئوزۇقلىنىشنى تەڭشەش ۋە ھەرىكەت قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئورۇقلاش دورىلىرى بىلەن داۋالانسا بولىدۇ.
2). سېمىزلىك كېسىلى بارلار ئوزۇقلۇق كونترول قىلىش بىلەن ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالىنىشنى ئەستايىدىل ئېلىپ بارغاندا، دەسلىپىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، لېكىن بىمار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرالماي، بەدەن ئېغىرلىقى ئەسلىگە يېنىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، بەزى دورىلارنى ئىشلىتىپ، داۋالىنىشقا ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.
3). ھەزىم يارىسى بار بەزى سېمىزلەر ئوزۇقلۇقنى كونترول قىلىپ داۋالىنىشتا قىينىلىدۇ. شۇڭا بەزى دورىلارنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
4). بەزىلەر يېمەكلىكنى كونترول قىلىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق داۋالانغاندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئورۇقلاش دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
5). تاماقتىن پەرز تۇتۇپ ئورۇقلاشتا مەغلۇب بولغانلار، ئورۇقلاش دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button