ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئاقسىل ۋە ئۇنىڭ رولى

ئاقسىل-ھاياتلىقتىكى بارلىق جانلىق تەننىڭ ئاساسى قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى بولۇپ، ھايات ھۈجەيرە ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ بىرى.
ئاقسىلنىڭ ئەڭ ئاساسىي بىرلىكى بولسا ئامىنو كىسلاتاسىدۇر. ئادەم ئورگانىزمدىكى ئاقسىللارنى تۈزگۈچى ئامىنو كىسلاتالىرى 20 خىل. بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولسا ئادەم ئورگانىزمىدا بىرىكتۈرۈلمەيدۇ ياكى بىرىكتۈرگەن تەقدىردىمۇ مىقدارى ئورگانىزمىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولغاچقا، بۇ سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسىنى چوقۇم يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ، ئورگانىزم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم. شۇڭا ، بۇ خىلدىكى ئامىنو كىسلاتالىرى زۆرۈر ئامىنو كىسلاتالىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىزولىيسىن، لىيۇسىن، لايسىن، مېتىريونىن، فىنال ئالانىن، ترېپتوپان،  ۋالىن، ھىستىدىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئاقسىلنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى:
1) ئاقسىل ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئاقسىل ئادەم بەدىنى ئېغىرلىقىنىڭ %18 ىنى ئاقسىل ماددىسى ئىگىلەيدۇ.
2) ئاقسىل بەدەندىكى كۆپ قىسىم مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ماددىلارنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.
3) ئاقسىل ئورگانىزىمنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4) ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان پېپتىدلار بىۋاسىتە ھالدا ئورگانىزمدا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
5) ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئامىنو كىسلاتالىرى بولسا بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى:
ئوزۇقلۇق ئىلمىدە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ تۇتقان مىقدارى، ئۇنىڭ ھەزىم يوللىرىدا سۈمۈرۈلۈش دەرىجىسى ۋە قانغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىشلىتىلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بەلگىلىنىدۇ.
ئاقسىللارنىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلگەندىن كېيىنكى بەدەندىكى پايدىلىنىش نىسبىتى ئاقسىللارنىڭ بىئولوگىيىلىك قىممىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button