ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئاقسىلنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

1) بەدەندە ئاقسىلنىڭ كەمچىللىكى:
  ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى، ساغلاملىقى ۋە نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر دۇنيادا بەش مىليوندىن ئارتۇق ئۆسمۈر بالىلاردا ئاقسىل – ئېنېرگىيە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى (PEM) مەۋجۇت ئىكەن. بۇ كۆپىنچە نامراتلىق، ئاچلىق سەۋەبىدىن، قوبۇل قىلىنىدىغان ئاقسىل مىقدارىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، قورساق–پۇتلىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، تېنى ئاجىزلاش، چىراي ئىپادىسى سۇسلاش، ئەقلىي قابىلىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئۆسۈشى ئاستىلاش، چېچىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈش، ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كېتىش، ئاسانلا يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئاقسىلنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن بالىلاردىلا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەستىن، بەلكى چوڭلاردا ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش يېتەرلىك بولمىغاندا ئوخشاشلا ماغدۇرسىزلىنىش، ئورۇقلاش، بەدەن ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، باھ ئاجىزلىقى، سۇلۇق ئىششىق، تەبىئي قۇۋۋىتى ( كېسەلگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى ) ئاجىزلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئادەتتە ئورگانىزمىدا ئاقسىلنىڭ كەمچىل بولۇشى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن:
فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج يوقىرى، بىراق يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلغان ئاقسىل مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، ئاقسىلنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى قوبۇل قىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىش، ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئاقسىلغا بولغان سۈمۈرۈش ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق ياكى جىگەرنىڭ ئاقسىلنى بىرىكتۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش. ئۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك ئىستېمالدا تاماق تاللايدىغان، ناچار يېمەك – ئىچمەك ئادىتى بولغاندا ياكى ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەندە، ئورگانىزمنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلماي ماس ھالدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

  
2) بەدەندە ئاقسىلنىڭ ئېشىپ كېتىشى:
ئاقسىلنىڭ بولۇپمۇ ھايۋانات ئاقسىللىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەندىمۇ ئوخشاشلا ئورگانىزمغا نىسبەنەن زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يەنى ھايۋانات ئاقسىللىرىنى زىيادە قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن بەدەندىكى ماي ۋە خولېسترولنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. چۈنكى نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەم بەدىنى ئاقسىلنى زاپاس ساقلىيالمايدىغان بولغاچقا، ئارتۇق ئاقسىللار چوقۇم پارچىلىنىپ، ئازوت شەكلىدە سۈيدۈكتىن چىقىرىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر جەريان ئۈچۈن كۆپلەپ سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىنلا بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كۆپ بولۇپ كەتسە، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋانات ئاقسىللىرىنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا، ئورگانىزمدا فوسفورلۇق ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىپ، سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ كالتسىينى يوقىتىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ-دە، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى يۈز بېرىدۇ.
يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ زىيادە ئىستېمال قىلىنىشى يەنە، بىر قىسىم راك كېسەللىكلىرى مەسىلەن: بوغماق ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، بۆرەك راكى، ئاشقازان ئاستى بەز راكى ۋە مەزى بېزى راكى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.
دېمەك، ئادەم ئورگانىزمى  ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا توختىماستىن ئاقسىللارنى پارچىلاپ سەرپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئاقسىللارنى تۈزگۈچى ئامىنو كىسلاتالىرى بولۇپمۇ زۆرۈر ئامىنو كىسلاتالىرى يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما، بەدەندە زاپاس ساقلىنالمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button