ئادەم بەدىنىنى سوۋۇتىدىغان سەۋەبلەر
بەدەن سوۋۇش ئاساسەن 16 خىل سەۋەبتىن بولىدۇ.
1) ھەددىدىن زىيادە ئېغىر دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىش؛
2) مۇتلەق ھەرىكەت قىلماسلىق؛
3) سوغۇق تاماقنى كۆپ يېيىش ۋە سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش؛
4) ئۇزاققىچە ئاچ يۈرۈش؛
5) سوغۇق دورا ئىستېمال قىلىش؛
6) ھاۋا كىلىماتى بەك ئىسسىق جايلاردا يۈرۈش؛
7) تاشقى جەھەتتىن ئىسسىق نەرسىلەرنى زىمات قىلىش ۋە ئىسسىق سۇغا تولا كىرىش؛
8) مەسامنى توسۇۋالىدىغان قابىز (قورۇغۇچى) سۇلارغا كىرىش؛
9) بەدەن سىرتىنى سوغۇق دورىلار بىلەن زىمات قىلىش؛
10) تەرلەش ۋە ئىچ ئۆتۈشنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى ۋە ئاياللار بىلەن كۆپ بىر ئورۇندا بولۇش؛
11) ئىچكى ئەزا تومۇرلىرىغا توسالغۇ پەيدا بولۇش، ھارارەتنىڭ يۈرۈشىدىغان يوللىرى توسۇلۇپ، ئەزالارغا ھارارەت يەتمەسلىك؛
12) ھەددىدىن زىيادە تولا خۇشاللىق؛
13) ھەددىدىن زىيادە تولا غەمكىنلىك ياكى قورقۇش؛
14) كۆپ لەززەتلىنىش؛
15) مۇنچىدا خىزمەت قىلىش؛
16) بەدەندە خام خىلىتلار توپلىشىپ قېلىش.