ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئادەم بەدىنىنى ئىسسىتىدىغان سەۋەبلەر

بەدەننىڭ ئىسسىشى ئىككى خىل سەۋەبتىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى تەبىئىي، يەنە بىرى غەيرىي تەبىئىي بولىدۇ. تەبىئىي سەۋەب 7 خىل بولىدۇ. بىرىنچى، مىزاج نورمال بولغان ئادەمنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشى؛ ئىككىنچى، نورمال دەرىجىدە ھەركەتلىنىش، ئۈچىنچىسى، تاشقى جەھەتتىن نورمال داۋالىنىش ۋە ياغلىنىش، ئاز مىقداردا قاننى كېمەيتىش؛ تۆتىنچىسى، ھاۋالىق، سۈيى نورمال مۇنچىغا كىرىش؛ بەشىنچى، نورمال ئۇخلاش؛ ئالتىنچى، دورىنى نورمال دەرىجىدە يېيىش؛ يەتتىنچى، سوغۇق سۇدا ئولتۇرۇش؛
غەيرىي تەبىئىي سەۋەب 2 خىل بولىدۇ. بىرىنچى، بەدەننىڭ مىزاجىنى ئۆزگەرتكۈچى سۇيۇق ماددىلارنى تارقىتىپ، قالغانلىرىنى قويۇلدۇرغۇچى ئوفۇنەت بولۇپ، بولۇپ، بۇ ئوفۇنەت ئىھتىراقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، غەيرىي تەبىئىي سەۋەب ھارارىتى ئەسلىگە تەسىر قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button