ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان
ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان سۇددە (توسالغۇ) لارنىڭ سەۋەبلىرى
سۇددە پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى 7 خىل بولىدۇ:
1) مەسانە (سۈيدۈك يولى) دا تاش پەيدا بولغانلىقتىن؛
2) جاراھەتنىڭ ئۈستىدە قان ئۇيۇپ قالغانلىقتىن؛
3) جاراھەتلەر بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ ئارتۇق تېرە ھاسىل قىلغانلىقتىن؛
4) مەنپەز (تۇرۇبا يوللىرىدا) دە سۆگەل پەيدا بولغانلىقتىن؛
5) بەدەندە ئىششىق پەيدا بولۇش بىلەن قان ۋە باشقا ماددىلارنىڭ يۈرۈشىدىغان يوللىرىنى تارايتقانلىقتىن؛
6) قابىز دورىلار بىلەن زىمات قىلغانلىق ھەم يۈزگە تولا چاڭ-توزان قونۇپ قالغانلىقتىن؛
7) نىشاستە (كراخمال) دىن تەييارلانغان ھالۋا ھەم قۇرۇق پېتىرنان قاتارلىق تاماقلارنى يېگەندىن كېيىنلا مۇنچىغا كىرگەنلىكتىن سۇددە پەيدا بولىدۇ