سۇ ھەققىدە
.سۇ ئاددى ماددا بولۇپ، ئالەمدىكى ماددىلارنى تۈزگۈچى تۆت ماددىنىڭ بىرىدۇر
ئۇ ئالەمنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ باشقا ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، ئوتنىڭ تۇپراققا بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش، ماددىلارنىڭ قىيامىنى تەڭشەش، تۇپراقنىڭ ئوتنىڭ تەسىرىدە پارچىلىنىشىنى توسۇش، ھاۋانىڭ تۇپراق تەبىقىسىگە بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ساقلاش، سۇنىڭ تەسىرىدە ئېرىيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش، قاتىدىغان ماددىلارنى قاتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئورۇن جەھەتتىن تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ ، ۋەزنى نىسپى ئېغىر، كەيپىياتى ھۆل سوغۇقتۇر.
سۇ كائىناتتىكى پۈتكۈل جىسىملارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتكۈل ئالەمنىڭ تۈزۈلىشىدە بىر ماددىلىق رول ئويناپ، ئالەمنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتنىشىپ ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. سۇ ھەرقانداق مادددىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما شەكلىنى تۇراقلىق ساقلىيالمايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ ھالىتىنىمۇ ساقلىيالمايدۇ، ئۇ شەكىلنى قوبۇل قىلغۇچى ماددىدۇر . ئۇ تۇپراقنىڭ شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ئالەمنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلايدۇ.
سۇ ئالەمدىكى باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز ھەركەت ھالىتىدە تۇرىدۇ، يەرشارىدىكى سۇلارنىڭ ئايلىنىشىنى مىسالغا ئالساق ئۇ يەر يۈزىدە تۇرغان ۋاقتىدا ‹‹سۇ ››دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ، ئەگەر ئوتنىڭ پارلاندۇرۇش تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ھاۋا تەركىبىگە تارقالسا ‹‹سۇ ھورى›› (بۇخارى ئاب) دەپ ئاتىلىدۇ .
ھاۋانىڭ يۆتكەش تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ بوشلۇقلارغا تارقالغاندا ‹‹بۇلۇت›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ .سوغۇقنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيۇشۇپ يەريۈزىگە چۈشكىچىلىك بولغان ئارلىقتا ‹‹ياغمۇر›› دەپ ئاتىلىدۇ . يەريۈزىگە چۈشۈپ دەريا-كۆللەرگە قۇيۇلسا يەنە ‹‹سۇ››دېگەن ئەسلى نامى بىلەن ئاتىلىدۇ . بۇ قانۇنىيەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئالەمدىكى ھەرقانداق ماددىلارنىڭ ئەسلى زاتى① بىر، لېكىن ئۇنىڭ تۈزۈلۈش ئۈزلۈكسىزلىكىنىڭ (داۋاملىشىشىنىڭ) ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان ھالەتلىرىنىڭ ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .
ئبىنسىنا ‹‹ئەل قانۇن›› ناملىق كىتابىدا ‹‹تۆت ماددا پارچىلانمايدىغان (بەست) ماددا، ئەگەر پارچىلانغان دەپ قارىساق، خۇسۇسىيتى ئۆزىگە ئوخشاش پارچىلارغا پارچىلىنىدۇ ›› دەيدۇ.
پارچىلىنىش ـ فىزىكىلىق پارچىلىنىش، خىمىيىلىك پارچىلىنىش ۋە بىئولۇگىيلىك پارچىلىنىش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
ئەگەر بىر ماددىنىڭ شەكىل ھالىتى ئۆزگەرسە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى جۈزئى ئۆزگەرسە زاتى خۇسۇسىيىتى مۇتلەق ئۆزگەرمىسە بۇ فىزىكىلىق پارچىلىنىش بولىدۇ.
ماددا يەنە باشقا بىر ماددىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پارچىلىنىپ خۇسۇسىيەخلىرى مۇتلەق ئۆزگەرسە زاتىدا ئۆزگۈرۈش بولمىسا بۇ خىمىيىلىك پارچىلىنىش بولىدۇ.
ماددىنىڭ شەكىل ھالىتى، خۇسۇسىيىتى، باشقا ماددىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ھايات تېنىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياساپ خۇسۇسىيىت جەھەتتىن جۈزئى ئۆزگەرگەن، زاتى ئۆزگەرمىگەن ھالىتى بىئولوگىيلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ . تۆت ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى يۇقارقىلارغىمۇ ئۇيغۇر ئەمەس باشقا بىر خىل ھالەتتە بولۇپ، ھەممە جىسىمنىڭ پارچىلىنىش ھالىتىنىڭ ئاخىرقى چىكى شۇ تۆت ماددىغا يىغىنچاقلانغان، بۇ تۆت ماددىنى بۆلۈش مۇمكىن ئەمەس، ‹‹بۆلۈنگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش پارچىلارغا پارچىلىنىدۇ ›› دىيىش ئۇنىڭ بۆلۈنمەيدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر .
سۇ شۇنداق خۇسۇسىيەت جەملەنگەن تۆت ماددىنىڭ بىرى، ئادەتتە كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان سۇ شۇ سۇنىڭ زاھىرى بولۇپ، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن تامامەن ئوخشاش بولىدۇ .بۇ تەجرىبە ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئەمەس،لېكىن بىلگىلى،كۆرگىلى بولىدىغان قىسمىنى كۆرۈپ،كۆرگىلى بولمايدىغان قىسىمىنى ئەقلى تەپەككۇر بىلەن تېپىپ چىقىلغان ھەقىقەتتۇر.
مۇھەممەت ئەكبەت ئەرزانى ‹‹مۇپەررىھۇل قۇلۇب›› ناملىق كىتابىنىڭ خىلت بابىدا ‹‹بىز سىرتقا كۆرۈنۈپ تۇرغان تۆت ماددىنىڭ خۇسۇسىيتىنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بەدەندىكىلىرىنى تەخمىنىي تەپەككۇر قىلىپ تېپىپ چىقتۇق،(سەپرا، سەۋدا، بەلغەم، قان خىلتلىرى) چۈنكى ئادەم كىچىك يېتىلگەن ئالەمدۇر،تامامەن ئوخشاشتۇر›› دەپ ئوتتورغا قويغان. ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ ‹‹پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى›› ناملىق كىتابىدا بىردەكلىك نەزىرىيىسى ئوتتورغا قويۇپ، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەركەت ھالىتىنى خۇسۇسىيىنى بەش بىردەكلىككە يىغىنچاقلىغان، شۇڭا بىز ئېيتىمىزكى سۇ ئەمىلىيەتتە كۆرۈنۈپ تۇرغان سۇ بىلەن ئالەمنىڭ ئەسلى زاتى بولغان سۇنىڭ خۇسۇسىيەت ھالەتلىرى ئوتتورسىدىكى ئوخشاشلىق مۇتلەقتۇر ..
سۇ ئالەمنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ ماددىلارنى تۈزۈشكە قاتنىشىش، سۇيۇلدۇرۇش ماددا تۈزۈلىشىدە ئۇلارنىڭ زىچلىقىنى نورماللاشتۇرۇش،ئېرىتىش،ئاققۇزۇش،شەكىل ھالىتىنى تۈزەش،ماددىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىرىنى نورماللاشتۇرۇش، ماددىلارنى ئۆزگەرتىش،ئۇلارنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ساقلاش، سۇنىڭ تەسىرىدە قاتىدىغان ماددىلارنى قاتۇرۇش،ئېرىيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش ،ماددىلارنى ھەركەتلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ، باشقا ماددىلارنى ئۆزگەرتىدۇ،ھەم باشقا ماددىلارنىڭمۇ ئورنىنى ساقلىيالمايدۇ، ۋەزىن جەھەتتىن نىسپى ئېغىر بولۇپ ،ئورنى تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ . ئوتنىڭ تەسىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قوبۇل قىلىدۇ، كەيپىياتى ھۆل سوغۇقتۇر .