سەھىپە ئايرىلمىغانسۇ ھەققىدە
سۇ تەلىماتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
سۇ – ۋەزنى جەھەتتە نىسپىي ئېغىر يەنى تۇپراقتىن يەڭگىل ھاۋادىن ئېغىر بولغاچقا نىسپى ئېغىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش، سۇيۇلدۇرۇش، ئوتنىڭ ئىسسىقلىق نەرسىلەرنىڭ تەسىرىدىن پارچىلىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلاش، جانلىقلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى جەريانىدا پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئېقىتىپ سىرتقا چىقىرىشتەك خىزمەتلەرگە قاتنىشىدۇ. سۇ ئورۇن جەھەتتە تۇپراقنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، كەيپىياتى ھۆل سۇغۇق بولىدۇ.