سۇنىڭ ھەزىم سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئېغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ مەقئەتكىچە بولغان بەدەنگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەييارلىغۇچى ئەزالارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك:
ئېيتىمىزكى سۇ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ تۈزۈلىشىدە سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش رولى ئالاھىدە چوڭ رول ئوينايدۇ. چۈنكى سۇ ھەر قانداق بىر ماددىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى نورمال ساقلىسا، ئۇنىڭدا يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى پەيدا بولىدۇ، ياكى سۇ قاتناشقان ھەرقانداق ماددا تۈزۈلىشىدە يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى تەبىئىي مەۋجۈد بولىدۇ، يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى سۇدا تەبىئىي مەۋجۈد كۈچتۇر. بۇ كۈچ ماددىلارنى ئۆز ئارا بىر –بىرىگە جىپىسلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق شەيئى شەكلىنى مەزمۇنغا لايىقلاشتۇرىدۇ. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ھەزىم قىلشقا لايىق شەكلى سۇنىڭ رولىدىن بولغاندۇر. سۇنىڭ يەنە سىلىقلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئېغىزدا چاينىغان يېمەكلىكنىڭ چىقىرىش ئەزالىرىغىچە يېتىپ بىرىشىدا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرى ئىچكەن سۇنىڭ رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەزىم قىلىش خەمىرە (ھەزىم قىلىش ئېنىزىمى ) لىرىنىڭ تەركىبىدە %96 سۇ بار، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۇ ئۆزىنىڭ پارچىلاش، ئاققۇزۇش روللىرى ئارقىلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كېرەكلىك – كېرەكسىز تەركىبلەرنى ئايرىپ، ماددا ئالمىشىشنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئۇندىن باشقا سۇ يەنە ھەزىم قىلىش ئەزالىردىكى جۈملىدىن پۈتۈن بەدەندىكى تۆت قۇۋۋەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا بولغان خادىمىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلايدۇ. سۇ يەنە جىگەرنىڭ خىلىت ئىشلەش جەريانىغا خىزمەت قىلغۇچى ئاساسىي ماددىدۇر، يېمەكلىكلەرنىڭ كەيلۇس ھالىتىگە كېلىشى سۇنىڭ ئېرىتىش رولىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ماسارىقا تومۇرلاردىن جىگەرگە سۈمۈرلۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق قۇيۇقلۇقتا بولىشى شەرت. ئۇنىڭ قۇيۇقلىقىنى يەنىلا سۇ تەڭشەيدۇ، جىگەردىكى خىلىتلارنىڭ ئىشلىنىش جەريانىدىمۇ يەنىلا سۇنىڭ ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش، پارچىلاش، ئاققۇزۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، تېگىشلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق روللىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىلىتلار ئىشلىنىش جەريانىدا جىگەر ئۇنىڭ ئىشلىگۈچى رەئىسى بولغانغا ئوخشاش، سۇمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ رەئىسىدۇر. سۇنىڭ يۇقىردىكى روللىرى بولمىسا ئوزۇقلۇقلار ھەرگىزمۇ تېگىشلىق ئورۇنلارغا بېرىپ بەدەننىڭ نورماللىقىنى ساقلىيالمايدۇ. سۇ يەنە جىگەرنىڭ بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەش رولىغا ياردەملىشىپ بەدەن تېمپراتورسىنى نورمال قىممەتتە ساقلايدۇ. سۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خېمىيىلىك –بىئولوگىيلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق تەڭشەيدۇ،
سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسقلىق سېغىمى: J/(Kg.k)4184 بولۇپ، ئۇ ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كۆپ مىقداردىكى ئىسىقلىنى سۈمۈرۈپ، تەر، سۈيدۇك ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق چىقىرىپ بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بەدەندىكى قىزىتما پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسۇدۇ. شۇ ئارقىلىق بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەيدۇ . بەدەن تېمپراتورسىنىڭ تەڭشىلىشى ئەڭ ئاساسلىقى ئىسىقلىقنىڭ (ئوتنىڭ ) يۆلىنىشكە ئىگە بولغانلىقىدۇر. ئوتنىڭ بايانىدا سۆزلەنگەندەك، ئوت يۆلىنىشكە ئىگە بولۇپ، يۆلىنىش داۋاملىق يۇقىرغا قارىتا يۆنەلگەن، تېمپراتورسى يۇقىرى ئورۇندىن تۆۋەن ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ، شۇڭا ئېيتىمىزكى سۇنىڭ بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەش رولى ، سۇ يۈتىۋالغان ئىسىقلىقنى بەدەن سىرتىغا چىقىرش ئارقىلىق بولىدۇ. سۇ يەنە ھەزىم قىلش ئەزالىرىنى تازلايدۇ . ئىچكى مۇھىت بىلەن تاشقى مۇھىت ئوخشاشلىققا ئىگە بولغانچقا، سۇ سىرتقى بەدەندىكى مەينەتچەلىكنى تازلىغانغا ئوخشاش، ئىچكى مۇھىتتىكى ماددا ئالمىشىش قالدۇق مەھسۇلاتىنى تازلايدۇ. ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇنى ئىچكى مۇھىتنى تازلايدىغان ‹‹سۈپۈرگە›› دېيىشكە بولىدۇ . ئۇستاز، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئابدۇلھەمىد يۈسۈف داموللا ھاجىم يازغان ئەسەرلىرىدە، ‹‹ ھەركۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر –ئىككى ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىشنى ئادەت قىلسا، قەۋزىيەتلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ›› دەپ يازغان، بۇ ھۆكۈم سۇنىڭ بەدەننى تازلاشتىكى رولىغا قارىتىلغان ئىشارەتتۇر. ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت كلاسسىك ئەسەرلەردە، ھەزىم قلىشى ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ چوڭ ئۈچەينىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش باسقۇچى سەھەردە بولىدۇ دەپ قەيت قىلىنغان. بۇ ھۆكۈمنى ئالىمنىڭ يۇقىرقى مەلۇماتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۇرسەك سۇنىڭ شۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىش قىيىن ئەمەس، ئۇندىن باشقا سۇنىڭ ھەزىم قىلىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلارنى مۆتىدىللەشتۇرۈش (نېيتراللاشتۇرۇش) خۇسۇسىيىتى بار، (بولۇپمۇ ئاشقازان تىزابىنى ) ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ بەز تەنچە قاتلىمى ئۈستىدە بىر قەۋەت شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ ئاشقازان توقۇلمىللىرىنىڭ ئەڭ ئىچكى قاتلىمىغا جايلاشقان. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ %98 ى سۇ، %2 ى سۇنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۇپراق جىنىسلىق ئىسكىلىت (جازا) بولۇپ، بۇ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹ سۇ قاتلىمى ›› تەبىئى بوففېرلاش رايونى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى توقۇلما قاتلىمى بىرخىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ماددا سۇ قاتلىمى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ، ئاشقازان تىزابى بۇ قەۋەتتىن ئۆتكەندە، ئۇ ماددا ئۇنى نېيتراللاشتۇرىدۇ. سۇنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قەۋەتتىن سىرغىپ ئۆتىشى بىر تەبىئىي جەريان بولۇپ خۇددى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتلىمىنى قارشى يۆلىنىشتە يۇيۇشقا ئوخشايدۇ. مەقسەت چۆكۈپ قالغان سەۋدا خارەكتىرلىك ماددىلارنى تازلاشتىن ئىبارەت. ئۇ جەريان ناھايتى ئۈنۈملۈك بولۇپ سۇ يېڭى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتىن سىرغىپ ئۆتكەندە تېگىدىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتلىمى قايتىدىن سۇ بىلەن بىرىكىدۇ، بۇ خىل ھەم يېڭى ھەم قېلىن قۇيۇق بولغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق تەبىئىي مۇداپىئە رايونى بولۇپ، ئاشقازان تىزابىنىڭ ئاشقازان توقۇلمىللىرىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى توسىدۇ. تەبىئىي مۇداپىئە رايونىنىڭ رولى بولسا، سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تايىنىدۇ، بولۇپمۇ ھەرخىل غەلىز يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ بەل تەنچە قاتلىمىنى غىدىقلاپ ئاشقازان تىزابىنى كۆپلەپ ئاجرىتىشقا سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا سۇ ئاشقازان تىزابىنىڭ ئاشقازان توقۇلمىللىرىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ساقلايدىغان بىردىنبىر ماددىدۇر. مانا بۇ سۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر.