سۇنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
نېرۋا سېستىمىسى – مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. سۇ نېرۋا سېستىمىسىغا تەۋە توقۇلمىلارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ئىبىنسىنا ‹‹ ئەلقانۇن›› دېگەن كىتابىدا ‹‹خىلتلار ئۇنسۇرلارنىڭ دەسلەپكى بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەنگە ئوخشاش ئەزالارمۇ خىلىتلارنىڭ دەسلەپكى بىرىكىشىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ››دەيدۇ. بۇ پۈتكۈل ئەزالارغا خاستۇر، ئۇندىن باشقا سۇ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ سەزگۈرلىكىنى ساقلاپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك پائالىيەتلەرنى بېجىرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. چوڭ مىڭە پوستلىقىنىڭ ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى بولغان نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەندە غەيرى تەبىئىي قوزغۇلۇش رېفلېكىس پەيدا بولۇپ ھەرخىل پاتىئولوگىيلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلاردىكى ھۆللۈكنىڭ ئازىيىپ، قۇرۇقلۇق غالىپلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنىڭ سەزگۈرلىكىنى نورماللاشتۇرۇپ ئۇ سېستىمىغا تەئەللۇق روھ – قۇۋۋەتنىڭ نورمال ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سۇنىڭ ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، سېلىقلاش رولى بولغاچقا بۇ سېستىمىنىڭ ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتىنى چىقىرش ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇ نېرۋا سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۈزەش ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىش، ماددا ئالمىشىش قالدۇق ماددىللىرىنى چىقىرىش، كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.يېقىنقى زامان تىببى پېنىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل بىلەن خەمىرەنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن، ئېرىتكۈچىدىكى ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى. ھۈجەيرە پوستىدىكى بارلىق قوبۇللىغۇچ (قوبۇل قىلىش نۇقتىسى) ھەممىسى شۇنداق. يېپىشقاقلىقى يۇقىرى ئېرىتكۈچىدە (سۇسىزلىنىش ھالىتىدە) ئاقسىل بىلەن ئېنزىمنىڭ ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر تۆۋەن (بەلكىم بەدەننىڭ سۇ كەملىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتەدارىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن) شۇڭلاشقا، سۇ بەدەندىكى ئېرىتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مېخانىزىملارنى تەڭشىيەلەيدۇ.
«سۇ بەدەندىكى ئېرىتكۈچى، ئۇ بارلىق مېخانىزىملارنى تەڭشىيەلەيدۇ، ھەتتا سۇدا ئېرىگەن ھەم سۇدا ئايلىنىدىغان ئېرىگۈچىنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ تەڭشىيەلەيدۇ» . بۇ بىر يېڭى پەننىي ھەقىقەت (ئەندىزە ئۆزگىرىشىنى تونۇش) كەلگۈسىدىكى تېببىي تەتقىقاتنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك.
سۇ كەمچىل بولغاندا، بەدەندىكى «ئىچكى ئورنىتىلغان» سۇ قوبۇل قىلىش مېخانىزمىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، بەدەن ئىچىدە ساقلاقلىق سۇ مىقدارىنى ئۆلچەپ تەقسىم قىلىش مېخانىزمىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ئالدىن بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. مانا بۇ «قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش» دۇر.
پەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ھىستامىننىڭ يېتەكلىشى ۋە باشقۇرۇشىدىكى نېرۋا سىگنال يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئاكتىپلىشىپ، ئۆزىگە بويسۇنغۇچى سىستېمىلارنى قوزغىتىپ ،سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بويسۇنغۇچى سىستېمىلارمۇ سۇنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئايلىنىش جەريانىغا قاتنىشىپ سۇنى بىر ئەزادىن يەنە بىر ئەزاغا تەڭشەيدۇ. بويسۇنغۇچى سىستېما ئارقا بۆلەك ۋازوپرېسسىن (بېسىمنى ئاشۇرۇش ھورمونى)، AR ۋە GP نى ئۆتكۈنچى مۇھىت قىلىدۇ. بەدەننى ھەرۋاقىت سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئامبار بولمىغانلىقتىن پەقەت ئېتىبار بېرىپ تەقسىملەش سىستېمىسىلا ساقلىنغان سۇ ۋە قوبۇل قىلغان سۇنى تەقسىملەيدۇ.
بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا ھىستامىننىڭ شەكىللىنىشى ۋە ساقلىنىشى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن. ھىستامىن شەكىللەنگەندىن كېيىن، قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلگندىلا رولىنى جارى قىلالايدۇ.
نېرۋا سىگنالى يەتكۈزۈش ھىستامىننى ھازىر بار بولغان سۇ مىقدارىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھايۋان تېنىدە سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ھىستامىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ساقلىنىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش» دۇر.
ھىستامىن ۋە بويسۇنغۇچى مەزى بېزى ئاجرتمىسى، كىنىننى ۋە FAP ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تەڭشىيەلەيدۇ ۋە تەقسىملىيەلەيدۇ. ئاغرىق سىزىش نېرۋىلىرىغا ئۇچرىغاندا ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالدىدا «تېببىي قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى» نى سۆزلەپ، كىشىلەر سەل قارىغان ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچىسى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەندە سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى قاراش «ئېغىز قۇرۇش» نى بىردىنبىر سۇ كەمچىللىكىنىڭ سىگنالى دېگەن كونا قاراشقا رەدىيە بەردۇق.ئىككىنچىسى نېرۋا سېگنال يەتكۈزگۈچى ھىستامىننىڭ شەكىللىنىشى ۋە بويسۇنغۇچ سۇ تەڭشەش فاكتورلىرىنىڭ ئاكتىپلىشىشى زىيادە سەزگۈرلۈك، زىققە ۋە سوزۇلما خارەكتىرلىك ئاغرىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇخىل ئاغرىقلارنى بەدەننىڭ سۇ كەمچىللىكتىن تارقاتقان خەتەرلىك سىگنالى دەپ قارىشىمىز كېرەك. پەقەت «ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشى» نى تونۇپ يەتكەندىلا ئاندىن بەدەندىكى سۇ كەمچىللىك بىلەن مەلۇم دائىرىدىكى سۇ كەمچىللىك تارقاتقان سىگناللارنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيمىز.