تۇپراقنىڭ ھەركەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
تۇپراق پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىسىملارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنى تۈزۈشتىمۇ بىر ماددا سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى ‹‹ مۇپەررىھۇل قۇلۇب ›› ناملىق كىتابىدا ‹ سۆڭەك جىسمى قاتتىق بولغان قورۇق ئەزادۇر. چۈنكى ئۇ بەدەندىكى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆسىدۇ. ۋە ئۆزىنىڭ تەبىئىي شەكىل ھالىتىنى ساقلايدۇ› دەيدۇ. ھەركەت سېستىمىسىغا كىرىدىغان ئەزالار سۆڭەك مۇسكۇل پەي- تارامۇش بۇغۇملار بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى سۆڭەك پىشاڭ (قوپاغۇ ) نىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ بەدەندىكى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆزىنىڭ شەكىل ھاتىنى ساقلايدۇ ۋە خىزمىتىنى بېجىرىدۇ. تەبىىي سەۋدا خىلىتى تۇپراقنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولۇپ ، تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ بەدەندىكى رولى تۇپراقنىڭ ئالەمدىكى رولى بىلەن مۇتلەق ئوخشاش بولىدۇ. ئەبۇ ناسىر فارابىي ‹‹ فىي كەلامى ۋەھدەت ›› دېگەن كىتابىدا بىردەكلىك نەزىرىيىسىنى ئوتتورغا قويۇپ، ‹ تەڭرى بىلەن تەبىئەت بىردەكلىككە ئىگە ، ئاسمان جىسىملىرى بىلەن زىمىن جىسىملىرى بىردەكلىككە ئىگە، ئالەم بىلەن ئادەم بىردەكلىككە ئىگە، شەيئىلەر بىلەن بىلىش جەريانلىرى ، قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە، تەبىئەت گارمونىيىسى بىلەن جەمىيئەت گارمونىيىسى بىردەكلىككە ئىگە › دەيدۇ.
بۇ نوقتا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئادەم بەدىنى بىلەن تەبىئەت جىسىملىرى تۈزۈلۈش ۋە ھەركەت قانۇنىيەتلىرى جەھەتتىن ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە، تىبابەت ھەرگىزمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى مەقسەت قىلغان تار دائىردىكى ئىلىم بولماستىن پۈتكۈل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسلەرنىڭ يىغىندىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى بىلىش، ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى بىشلىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىدىغان ئىلىمدۇر.
ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ ‹‹ تىببى داستان ›› ناملىق كىتابىدا:
‹ گاھىدا دەرت كېلۇر پەسىل زاماندىن،
تۇرار جاي شەھەر ئۆلكە ماكاندىن ›
دەيدۇ. يەنى كېسەللىنىشنىڭ ۋاقىت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى شەرىھلەپ ئۆتىدۇ.
بۇ مەسنەۋىنى بۇ يەردە مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈشتىكى مەقسەت، ئادەم بىلەن ئالەم بىردەكلىكىنى- ئورتاقلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت .
سۆڭەكنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، بەدەندىكى تەبىئي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇقلىنىدۇ.
تۇپراق پەي-تارامۇشلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. تۇپراقنىڭ يۇقىردىكى خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئومۇمىي بەدەندىكى ئەزالارنى بىر بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. تۇپراقنىڭ ئارەزى قىسمى مىزاج ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئېلمىنتلارنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان چوڭ گەۋدە. تەبىئىي ھالەتتە تۇپراقتا بار ئېلمىنتلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە ئازدۇر- كۆپتۇر مەۋجۈد . ئۇلار ئۆز ھالىتىدە ( يەككە ھالىتىدە) ياكى باشقىلار بىلەن بىرىككەن ھالىتىدە ( مۇرەككەپ ھالىتىدە ) كائىنات ۋە ئادەم بەدىنىنى تۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق تۇتىششى ياكى بىرىكىشى كەيپىيات ھالەتتىكى ئورتاقلىق، ياكى نىسبى ئورتاقلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مەسىلەن چاياننى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ بېشى بىلەن قۇيرۇقىنى سېلىشتۇرساق ئاجايىپ چوڭ پەرقلەر بارلىقىنى بايقايمىز.لېكىن چايان بىر پۈتۈن گەۋدە. پۇتلىرى، بېشى، قۇيرۇقى بىر بىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تۇتىشىپ بىر پۈتۈن گەۋدىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىكىش ئالاھىدىلىكى مۇشۇلارغا تامامەن ئوخشاشتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا تۇپراق ھەركەت سېستىمىسىدىكى ئەزالار بىلەن يۇقىردا دېيىلىپ ئۆتكەن بارلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ ھەركەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر .