تېبابەتچىلىك دېگەن نىمە؟ ئۇ قاچان پەيدا بولغان؟
تېبابەت دېگىنىمىز-ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار بەدىنىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل غەيرى نورمال ھادىسىلەر ۋە ھە خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كەسپىدىن ئىبارەت.
تېبابەتچىلىك تەبىئەت دۇنياسىغا جانلىقلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان. تېبابەتچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەقىل پاراسەتلىرى ۋە ئەمىلى تەجرىبىلىرى بىلەن ۋە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدرىجى تەرەققى قىلغان نەرسە. بەزى تارىخى ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يەرشارىدا دەسلەپ مەدىنىيەت پەيدا بولغان جاي مىسىر، بابىل، مىسۇپوتامىيە، جۇڭگو بۇلۇپ، بۇ يەرلەردە تىبابەتچىلىك ۋە ھەرخىل سانائەتلەر ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان.كېيىنكى زامانلاردا مىسىر، بابىل خارابىسىدىن تىپىلغان ئاسارە-ئەتىقىلەر دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ دەسلەپتە مىسىر، بابىل، مىسۇپۇتامىيە، پەلەستىن، ئىراق، سۈرىيە تەرەپلەردە پەيدا بولغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
لېكىن يېقىنقى يىللاردا ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان ۋە تەكلىماكان، بەش بالىق(جىمسار) تەرەپلىرىدە ئېلىپ بىرىلغان ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر شۇنىڭدەك تاجىكىستاننىڭ ئاشخاباد رايۇنىدا يەر ئاستىدىن تېپىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، مەدىنىيەت ۋە تىبابەتنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ غەربى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغانلىغى مەلۇم بولغان.كىيىن بولسا بابىل، مىسىر، ھىندىستان، يۇنان ۋە رۇم تەرەپلەردە راۋاجلانغان.