ئاساسىي نەزەرىيە

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺗﺎرﯨﺨﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ئۇيغۇر خەلقى ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن رايۇنلاردا ﺟﺎﻳـلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، زېمىنى ﺷﻪرﻗﺘﯩﻦ ﻏﻪرﺑﻜﻪ ﺳﻮزۇﻟﯘپ ﺋﯘزۇﻧﻠﯘﻗﻰ 2000 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 1600 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﻪر ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 680 ﻣﯩﯔ ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮدﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق كىلىدۇ. ئۇيغۇر زﯦﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﻪر ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻨﯩﯔ %55.48 ﻧﻰ، ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ئومۇمىي يەر ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻨﯩﯔ %45.51 ﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر راﻳﻮﻧﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ، روﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪراﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ، ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎن، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎن ۋە ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ دۆﻟﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘزۇﻧﻠﯘﻗﻰ 5600 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩر كىلىدۇ.


 3 ﺗﺎغ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﻐﺎ 2 ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪا ﻳﯧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﯜرﻛﻪﻧﮕﻪن ﻛﯚرﻛﻪم ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪا ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎراﻗﯘرۇم ﺗﯧﻐﻰ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﺗﻜﻪن ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ تەڭرىتاغ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﻰ ﺑﺎر. ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﻰ ﺟﻪﻧﯘب ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراﻗﯘرۇم ﺗﯧﻐﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺗﺎرﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﻪر ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ 530 ﻣﯩﯔ ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ؛ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺟﯘﯕﻐﺎر ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻳﻪر ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ 220 ﻣﯩﯔ ﻛﯟادرات ﻣﯧﺘﯩر ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەڭرىتېغىنىڭ ئۇزۇن، ئېگىز – پەس قارلىق چوققىلىرى ئارسىدا«ئاشلىق ئامبىرى» دەپ نام ئالغان ئىلى ۋادىسى، دۇنيانىڭ ئەڭ پەس ئويمانلىق ــــــ تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇل ، قاراشەھەر، باي ۋە مۇڭغۇلكۆرە ئويمانلىقلىرى بار. ئۈچ تاغ تىزمىسى ۋە «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ نام ئالغان پامىر چوققىسى، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر كېلىدىغان چوگىر چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7723 مېتىر كېلىدىغان مۇز تاغ چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435 مېتىر كېلىدىغان تۆمۈر چوققىسى قاتارلىق چوققىلار بار.


ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﭘﯜﺗﯜن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺗﺎرﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯘﯕﻐﺎر ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرﺑﺎن ﺗﻮﯕﮕﯘت ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 337 ﻣﯩﯔ ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﻪرەب ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ دۇﺑﯘﮬﺎل (ﺳﻪﮬﺮاﺋﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮ) ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩـلا، دۇﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2 – ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﻳﺎۋاﻧﺪا ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪر، ﻛﯚڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻖ ۋە ﺗﯜرى ﻛﯚپ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﯩﺮى، ﻳﺎۋاﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧـلار، ﻧﯧﻔﯩﺖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎز ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻮل ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘـلار ﺑﺎر.


ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ – ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ – ﺳﯩـلاﻗـلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﻛﯜرەﺷﻠﯩﺮى ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﺪۇر. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلار ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﺖ، ﺷﺎراﺋﯩﺘـلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎش ۋە ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗـلاش، ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪن ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ دورا ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎرﯨـلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ داۋالاپ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ، ﺋﯚﻣﯜرﻧﻰ ﺋﯘزارﺗﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، روﮬﯩﻲ ۋە ﻣﺎددﯨﻲ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، روﮬﯩﻲ ۋە ﻣﺎددﯨﻲ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، ﺋﺎدەم  ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ داۋالاش، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﺧﯩﻞﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﻪﻧﺪۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button