ئەينۇلا
ئەينۇلا
ئىلمىي نامى: Fructus prunus mume
باشقا ئاتىلىشى: ئۇجاس، ئالۇبۇخار، ئالۇبۇخارا.
تۈركچە نامى: Jaume
ئىنگىلىزچە نامى: Smoked plum, Dark Plum
خەنزۇچە نامى:乌梅(wu mei)
تونۇش: بۇ، ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى چاتقال ئۆسۈملۈك ئەينۇلانىڭ مېۋىسى.
چىقىش ئورنى: شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
يېغىپ ساقلاش: مېۋىسى پىشقاندا ئۈزۈپ، قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرىلىشى: قۇرۇتۇش ياكى توغراش ئارقىلىق لايىقلاشتۇرۇلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشەش ۋە پىشۇرۇش، سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر:قىزىتما، يۇقىرى قان بېسىم، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، نەزلە، يۆتەل، سەپرادىن بولغان تەپ، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3 ~ 5 دانىغىچە.
زىيانلىق تەسىرى:سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەردە باش قېيىش ياكى يۆتەل پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ھەسەل.
ئورۇنباسارى: تەمرىھىندى.