خام دورىلار

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنى يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇش، ساقلاش ئۇسۇللىرى

.ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنى يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇش، ساقلاش ئۇسۇللىرى

ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى دورىلارنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، دورىلىق قىسمىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇش، ساقلاش ئۇسۇلىمۇ ھەر خىل بولىدۇ.

1) يۇپۇرماق، گۈل – چېچەك تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلىرىدا، ئوبدان يېتىلگەندىن كېيىن، يوپۇرماق، گۈل – چېچەكلىرى پىشىپ ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن، شەكلى، پۇرىقى، رەڭگى، تەمى ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن ھوشيارلىق بىلەن يىغىۋېلىپ، ھەر خىل ئارىلاشما ماددىلىرىنى تازىلاپ، يۇيۇپ، قۇرۇتۇشتا سايىدا، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان پاكىز ئورۇندا قۇرۇتۇش، قۇرۇتۇش جەريانىدا چاڭ – توزانلاردىن ساقلىنىش زۆرۈر.

ئۇلارنى ساقلاشتا، دورىلار ئوبدان قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نەملىك ۋە ھۆللۈكتىن خالىي جايدا پاختا رەختتىن تەييارلانغان تاغار ۋە قاپلاردا ساقلاش، ئۆتكۈر كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئورۇندا قويماسلىق، رەڭگى، پۇرىقى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قېلىش كېرەك. ئ‍ۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بىر ~ ئۈچ ئايغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button