ئۇلارنى ساقلاشتا
ئۇلارنى ساقلاشتا، ئوبدان قۇرۇغاندىن كېيىن ئىلغاپ، تاسقاپ، ئارىلاشمىلىرىنى ئايرىپ پاكىز سۈرتۈپ، خالتا ياكى چىپتە تاغارلاردا ساقلاش، ھۆللۈك، نەملىك، چاڭ – توزاندىن ئېھتىيات قىلىش، ۋاقتى – ۋاقتىدا ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، زىيانداش ھاشارات ۋە چاشقاندىن مۇداپىيە كۆرۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى، ئۇرۇق مايلىق دانلاردىن ئېلىنغان ياغ تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئىككى ~ ئۈچ يىلغىچە ، ھايۋان ياغلىرىنىڭ ئۈچ ~ تۆت ئايغىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا تۈۋەنلەپ بارىدۇ، تەمى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
3) شاخ ۋە قوۋزۇق تۈرىدىكى دورىلارنى يىغىۋېلىشتا، ئۆسۈملۈكى ئوبدان يېتىلگەندىن كېيىن بولۇپمۇ، كۈز پەسلىدە يوپۇرمىقى سارغىيىپ، ياغاچ قىسمى ۋە قوۋزىقى تولۇق پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىدۇ، قۇرۇتۇشتا ئوبدان يېتىلگەن نوتىلارنى كېسىپ، نېپىز توغراپ سالقىن جايدا قۇرۇتۇلىدۇ.