ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامىتىمۇ؟
ئالزېيمېر كېسىلى (阿尔茨海默病) دەل كىشىلەر دائىم دەيدىغان ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ بېشارىتى دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا بۇ گەپلەر راستمۇ يالغانمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئادەمنىڭ خاتىرىسىنى پەيتلىك خاتىرە، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك خاتىرە دەپ ئايرىشقا بولىدىكەن. پەيتلىك ئەستە ساقلاش ئاجىزلاش نورمال ھادىسىگە تەۋە، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە. بۇ خىل قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدۇر.
ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1. يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى ياخشى كونترول قىلىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى ۋاقتىدا داۋالاش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك قىلىش. بېلىق، راك، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
2. ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش.
3. ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيىتىنى بېيىتىش.