ساغلاملىق بىلىملىرى

7 خىل يېمەكلىكنى تۇخۇم بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ

يېتەكچى ئوقۇشلۇق: تۇخۇمنى تېتىتقۇ بىلەن پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنى بەلكىم نۇرغۇن ئاياللار بىلىپ بولغاندۇ، لېكىن سىز شۇنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، تۇخۇمنى قەنت بىلەن بىللە پىشۇرۇشقا بولمايدۇ ياكى تۇخۇم يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ قەنت يېيىشكە بولمايدۇ.
1. تۇخۇمنى يەپ بولۇپلا قەنت يېيىشكە بولمايدۇ، نۇرغۇن جايلاردا شىكەر سۆيىگە چېقىپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم (糖水荷包蛋) يەيدىغان ئادەت بار، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلغاندا، تۇخۇم ئاقسىلىدىكى ئامىنو كىسلاتادىن فرۇكتوزا لىسىن كىسلاتاسى بىرىكمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تېز سۈمۈرۈلمىگەنلىكتىن، ساغلاملىققا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۇخۇم يېيىشتىكى كىچىك كۆرسەتمە:
كېچىدە تۇرۇپ قالغان تۇخۇم، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم بەدەنگە زىيانلىق، تولۇق پىشۇرۇلمىغان تۇخۇم كېچىدە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، ئادەم بۇنداق سۈپىتى ئۆزگەرگەن تۇخۇمنى يېگەندە سالامەتلىككە زىيانلىق. بەزىدە تۇخۇم پىشۇرغاندا يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدە تۇرۇپ قالغاچقا، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم يېگەندىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى چايدىكى ماددىلار بىلەن ئاقسىلنىڭ ئارىلاشمىسىمۇ زىيانلىق ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  1. تۇخۇمنى يەپ بولۇپلا ئەبنۇس (柿子)يېمەسلىك كېرەك.چۈنكى تۇخۇمنى يەپ بولۇپلا ئەبنۇس يېگەندە ئاسانلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ، جىددىي خارەكتېرلىك ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى يەنى ئۆپكىگە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا يېگەندە، قۇسۇپ ياندۇرۇپ، قورساق ئاغرىپ دېگەندەك ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. شۇڭا يېگەن ۋاقتى 1-2 سائەت ئىچىدە، قۇسۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇسۇلنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ۋاقتىدا تۇزدىن 20g قايناقسۇدىن 200 مىللىلېتىر قۇيۇپ، سوۋۇتقاندىن كېيىن، ئەگەر ياندۇرمىسا، قايتا قايتا ئىچسە قۇسۇشنى تېزلىتىدۇ. ياكى يېڭى زەنجىۋىلنى ئېزىپ ئىلمان سۇدا ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىچكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، سۈرۈك دورىسىنى بالدۇرراق ئېچىپ، زىيانلىق ماددىلارنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

تۇخۇم يېيىشتىكى كىچىك كۆرسەتمە:
خام تۇخۇم يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر سىز تۇخۇمنى خام يېسە ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز چوڭ خاتالاشقان بولىسىز. پىشمىغان تۇخۇمدا كۆپ مىقداردا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى بولۇپ، تولۇق پىشۇرمايلا يېگەندە ئاسانلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇخۇمنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پىشۇرۇپ، باكتېرىيىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يېيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، خام تۇخۇمدا ئاۋىدىن بولۇپ، يېمەكلىكتىكى بىئوتىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر قىلىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇل ئاغرىشتەك «بىئوتىن كەمچىل بولۇش كېسەللىكى» كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئانتىترىپسىن ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، تۇخۇمنى چاققىچە، تۇخۇمنىڭ شاكىلىدىكى مىكروبلار بىلەن ياللۇغلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  1. تۇخۇمنى يەپ بولغاندىن كېيىن، دەرھاللا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئىچىشكە بولمايدۇ.ئانا بولغۇچى پەرزەنتى ئۈچۈن ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلايدۇ، پەرزەنتىنىڭ ئەتىگەندە يېتەرلىك ئوزۇقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئانىلار پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا تۇخۇم چېقىپ بېرىدۇ، ياكى پەرزەنتى تۇخۇم يەپ بولغاندىن كېيىن، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن ئۇسسۇزلۇقىنى باسىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئايرىم ئىستېمال قىلغاندا ئىنتايىن يۇقىرى قۇۋۋىتى بولغان ئۇيۇتمىسىدا ترىپسىن بولۇپ، ئۇ تۇخۇمنىڭ ئېقىدىكى تۇخۇم قارىغىيى ئاقسىلى (卵松蛋白)بىلەن بېرىكىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ.

تۇخۇم يېيىشتىكى كىچىك كۆرسەتمە:
تۇخۇمنى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك
گەرچە تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تۇخۇمنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. تۇخۇمنى كۆپ يېگەندە ئوزۇقلۇق ئارتىپ كېتىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. ئاقسىل كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇرېيەنى پەيدا قىلىدىغان سىستېمىنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ، ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان- ئۈچەيدە پەيدا بولىدىغان فېنالگىن، گىدروكسىن، فېنول قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ، بۇ ماددىلار بەدەننى زەھەرلەيدۇ. قورساق كۆپۈش، بېشى قېيىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلار «ئاقسىلدىن زەھەرلىنىش ئۇنۋېرسال كېسەللىكى» دېيىلىدۇ.

  1. تۇخۇمنىڭ كەينىدىنلا غاز گۆشى، توشقان گۆشى يېمەسلىك كېرەك.
    تۇخۇمنى توشقان گۆشى، غاز گۆشى بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ. لىشىجىن «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا، «تۇخۇمنى توشقان گۆشى بىلەن يېسە ئىچىنى سۈرىدىغان يېمەكلىككە ئايلىنىدۇ» دېگەن. چۈنكى توشقان گۆشىنىڭ تەبئىيتى سوغۇق، تۇخۇمنىڭ بولسا سوغۇققا مايىل، ھەر ئىككىسىدىلا بىئولوگىيلىك ئاكتىپ ماددىلار بار بولۇپ، تەڭ يىگەندە رىئاكسىيە پەيدا بولىدۇ ۋە ئاشقازان ئۈچەيلەرنى غىدىقلاپ، ئاخىرىدا ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  2. تۇخۇمدىن كىيىنلا دەرھال سۇ تاشپاقىسى يېيىشكە بولمايدۇ.
    تۇخۇم يېگەندە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، چۈنكى بىللە يېگىلى بولىدىغا نەرسىلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، تازا ئۇقۇپ كەتكىلى بولمايدۇ.مەسىلەن،تۇخۇمدىن كېيىن سۇ تاشپاقىسى يېگەندە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. سۇ تاشپاقىسىنىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا مايلىق بولۇپ، زۇكامداپ قالغان ياكى بەدىنىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەر يېيىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تاشپاقىسى تۇزلۇق بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس كىشىلەر يېيىشكە بولمايدۇ.
  3. تۇخۇمنىڭ كەينىدىنلا ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىنى يېمەسلىك كېرەك.
    تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مول، ياللۇغ پەيدا بولغاندا بولسا ئاقسىلنىڭ دىققەت قىلىش كېرەك. شۇڭلاشقا ياللۇغ پەيدا بولغاندا، تۇخۇمنىڭ ئارقىسىدىنلا ياللۇغنى قايتۇرىدىغان دورىلارنى يېمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش ئالامىتى بار كىشىلەر تۇخۇم يېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، دورا ئۈنۈمىگىمۇ نىسپى ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر باشقا ياللۇغلار مەسىلەن، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى قاتارلىقلار بولسا، غەربچە تېبابەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ.
  4. تۇخۇمنىڭ كەينىدىنلا چاي ئىچىشكە بولمايدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇمنىڭ كەينىدىنلا چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك چاي ئىچىپ روھىنى كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلار تېخىمۇ شۇنداق. ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنىڭ كەينىدىنلا چاي ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى چاينىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى تاننىك كىسلاتا، تاننىك كىسلاتا ئاقسىل بىلەن بېرىكىدۇ، بۇ ماددىلار ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، گەندىنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ۋە راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلارنىڭ بەدەن تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىپ، سالامەتلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button