جىگەر ئىششىقى
جىگەر ئىششىقى بەزىدە جىگەرنىڭ غىلابى (پەردىسى) دا، بەزىدە ئۆت يوللىرىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ قان سەپرا، سەۋدادىن ۋە بەلغەم ماددىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولغان جىگەر ئىششىقى دە تۆت خىلغا ئايرلىدۇ.
سەۋەبى: كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپ يېيىش، گۆش، قورما ۋە ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ يېيىش، دورىلار بىلەن زەھەرلىنىش، قاتتىق ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، بەزگەكتىن زەھەرلىنىش، جىگەرگە بىر نەرسە تېگىپ زەربىلىنىش، قان تولغاق ۋە ئاتشەك (سىبلىس) كە گىرىپتار بولۇش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئەگەر ئىششىق جىگەر پەردىسىدە بولسا، جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. نەپەس ئېلىشقا دەخلى قىلىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالالمايدۇ. لېكىن جىگەر خىزمىتىگە نۇقسان يەتمەيدۇ. ئەگەر ئىششىق جىگرنىڭ ئۆزىدە بولسا، قاتتىق ئىسسىتما پەيدا بولىدۇ. جىگەر ساھەسىدە يەنى ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغىلار ئارىسىدىكى مەلۇم جايدا، مەلۇم دەرىجىدە ئېگىزلىك بىلىنىپ ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. ئۇ جاينى باسقاندا ياكى بىمار يۆتەلگەندە ياكى چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ئاغرىش زىيادىلىشدۇ. ئاغرىش ئوڭ تەرەپ دۈمبىگىچە تارقلىدۇ. بىمارنىڭ نەپەس ئېلىشى سەل قىينغا توختايدۇ ۋە يۆتەل پەيدا بولىدۇ. ئاچچىق سۇ يانىدۇ، ھېق تۇتىدۇ. تىلى قۇرۇپ، گەز باغلايدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئىچى قاتىدۇ، بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ. كۆزى بىر ئاز سارغىيىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى سارغىيىدۇ.
تەشخىسى: ئەگەر ئىششىق جىگەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولسا ئوڭ تارغاق بەكرەك ئاغىرىيدۇ. ئەگەر ئىششىق جىگەرنىڭ ئۈستى (دومباق) تەرىپىدە بولسا، قورساق كىرگىت پەردىسى قىسىلىپ، نەپەس ئېلىپ قىيىنلشىدۇ ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئىتتىك ۋە ئىنچىكە تىنىدۇ. بىمارنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ جىگەر ساھاسىنى سىلاپ كۆرگەندە يېڭى ئاي شەكىللىك ئىششىق ئوڭ قوۋۇرغا ئارىسىدا قولغا بىلىنىدۇ. بىمار قۇرۇق يۆتىلىدۇ. سۈيدۈكى ئاز ۋە قويۇق، رەڭگى قېنىق كېلىدۇ. نەپەس ئالغاندا جىگەر بىلەن گەردەن چەمبىرى ئارىسىدا ئاغرىق سېزىلىدۇ.
ئەگەر ئىششىق جىگەرنىڭ ئاستىنىقى (كاۋاك) تەرپىدە بولسا، جىگەر ساھەسىنى سىلەپ كۆرگەندە ئىششىق بىلىنمەيدۇ. ئەمما ھېق تۇتىدۇ، كۆڭلى ئاينىيدۇ، قۇسىدۇ. قەۋزىيەت بولىدۇ. بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ. ئىشتىھاسى يوقلىدۇ. ئازراق سىقلىش يۈز بېرىدۇ. نەپەس ئېلىش تەسلەشمەيدۇ. يۆتەل ئاز بولىدۇ. ئەگەر جىگەرنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى تەرىپىدە بىردەك ئىششىق بولسا، يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى خىل ئالامەتنىڭ ھەممىسى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تەكشۈرگەندە ئىششىق ئاي شەكىللىك بولماي ياكى ئۇزۇنغا ياكى توغرىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، بىر تەرىپى توم، بىر تەرىپى ئىنچىكە بولسا ھەمدە جىگەر ئىششىقىدىكى يۇقىرىقى بەلگىلەر بولمىسا، ئىششىقنىڭ جىگەر ئۇدۇلىدىكى مۇسكۇلدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
جىگەر ئىششىقنىڭ تۆت خىلىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنىڭ تەشخىسى تۆۋەندىكىچە:
1 . جىگەر ئىششىقى قاننىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولسا، جىگەردە ئاغرىش، ئېچىشىش، بىماردا ئىسسىتما بولىدۇ. جىگەر ئەتراپىدا ئېغىرلىق سېزىلىدۇ. قەۋزىيەت، ھېق تۇتۇش، ئاغزىدىن ئاچچىق سۇ يېنىش، قۇسۇش، بەزىدە ئايلىنىپ كېتىش ۋە پۇت-قول سوۋۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
2 . سەپرادىن بولسا، بىماردا ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ. ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. ھارارەت (قىزىقلىق) باشقا خىلىتلارغا نىسبەتەن ئېغىرراق بولىدۇ.
3. بەلغەم ماددىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولسا، بىمارنىڭ تىلى، چىرايى ۋە سۈيدۈكلىرى ئاق بولىدۇ. ئاغرىق ئازراق (يەڭگىلرەك) بولۇپ، جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق زىيادە بولىدۇ. ئىسسىتما بولمايدۇ ياكى ئاز بولىدۇ.
4 . سەۋدا ماددىسىدىن بولسا، جىگەر قېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەدەننىڭ رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ. تىلى قۇرۇيدۇ. بۇ خىلدىكى جىگەر ئىششىقىدا ئاغرىش دېگۈدەك ئېغىر بولمايدۇ. ئسستمال بولمايدۇ. ئەگەر قان ۋە سەپرادىن بولغان ئىششىق جىگەرنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە پەيدا بولسا، ئاغىرىش، ئېچىشىش، ئىسستما بولۇش، جىگەر ئەتراپىدا ئېغىرلىق پەيدا بولۇش، قەۋزىيەت بولۇش، ھېق تۇتۇش، ئاچچىق سۇ يېنىش، قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ئايلىنىپ كېتىش، پۇت- قول مۇزلاش ئەھۋاللىرى بولىدۇ.
داۋاسى: قاندىن بولغان ئىششىقىنى داۋالاشتا توسالغۇ بولمىسا، قان ئېلىنىدۇ. ئەگەر قان ئېلىش مۇمكىن بولمىسا، زۇلۇك قۇرتى قويسا بولىدۇ (14 ياشتىن تۆۋەن، 60 ياشتىن يۇقىرى كىشلەر بولسا قان ئېلىش مەنئى قلىنىدۇ.) ئەگەر ئىششىق جىگەرنىڭ دۆڭ (ئۈستى) تەرىپىدە بولسا، قان ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك ماڭدۇرغۇچى دورىلارنى بەرسە بولىدۇ. قەۋزىيەت بار بولسا ئىچىنى بوشاتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ، لېكىن سۈرگە دورىلار بېرىلمەيدۇ.
1. مارجان شوخلا كۆك يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىدىن 48 م ل، كاسىن يوپۇرمىقنىڭ سىقىلغان سۈيىدىن 48 م ل ئېلىپ، 48 م ل بۇزۇرى شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
2 . كاسىن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، ئوغرى تىكەن مېغىزلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرام ئېلىپ، 72 م ل دىن ئېلىنغان تاۋۇز مېغىزى شىرىسى، ئوغرى تىكەن مېغىزى شىرىسى، كاسىن ئۇرۇقى ۋە شوخلا ئەرەقلىرىدە شىرىسىنى چىقىرىپ 48 م ل شەربىتى بۇزۇرى مۆتىدىلگە قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
ئەگەر بىمارنىڭ ھارارىتى يۇقىرى بولسا، ئۇنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئەتىگەندە 4 گرام قۇرس زىرىق يېگۈزۈپ، كەچتە 6 گرامدىن كاسىن ئۇرۇقى، مارجان شوخلا يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىگە قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ. بۇ سۇلارنىڭ ئورنىغا 48 م ل بۇزۇرى شەربىتى ياكى 48 گرام خېمىرى بىنەپشە ياكى 48 گرام م ل دىنار شەربىتى بەرسىمۇ بولىدۇ. ياكى تۆۋەندىكى نۇسخا بېرىلىدۇ: گۈل بىنەپشىدىن 7 گرام، ئۇۋاق ئۈزۈمدىن 9 دانە، كاسىن يىلتىزىدىن 7 گرام، بادىياندىن 7 گرام، گاۋزىباندىن 5 گرام ئېلىپ، ئاخشىمى قايناق سۇغا چىلاپ قويۇپ ئەتىگەندە بىر ئۆرلىتىپ سۈزۈپ 48 گرام مارجان شوخلا ۋە كاسىن يوپۇرماقلىرىنىڭ سىقىلغان سۈيى، 48 گرام بىنەپشە گۈلقەنتى بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
سەپرادىن بولغان جىگەر ئىششىقىدا يۇقىرىقى قاندىن بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندىن تاشقىرى يەنە تاتلىق ئانار، ئاچچىق ئانارلارنىڭ ھەر بىرىدىن 42 گرام، ئىسكەنجىبىندىن 48 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ ياكى قۇرسى زىرىقتىن 4 گرام يەپ ئارقىسىدىن مارجان شوخلا، كاسىن يوپۇرماقلىرى سۈيلىرىنىڭ ھەر بىردىن 8 گرام ئېلىپ، 48 م ل بۇزۇرى شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ. ماددىنى يېنىكلەشتۈرۈپ ۋە تازىلاش ئۈچۈن دەسلىپىدە ھارارەتنى پەسەيتىش مەقستىدە ھۆل كاسىن يوپۇرمىقى، ھۆل مارجان شوخلا يوپۇرمىقى سۇلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 48 گرام ئېلىپ، بىنەپشە گۈلقەنتدىن 3 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ خىلدىكى جىگەر ئىششىقىدا سۈيدۈك ماڭدۇرغۇچى دورىلار بېرىلمەيدۇ ۋە ئىچىنى بوشاتقۇچى، سۈرگۈچى دورىلار كۆپرەك بېرىلىدۇ. پۇلۇستىن 6 گرام، كاسىن ئۇرۇقى، بادىيان ئۇرۇقى، مارجان شوخلىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 144 گرام ئېلىپ شوخلا ئەرىقىدىكى شىرىسىنى چىقىرىپ، 24 م ل دىنار شەربىتى ياكى 48 گرام بىنەپشە گۈلقەنتى بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.
بىر نەچچە كۈن ماددىلارنى تەڭشەش ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەندىن چىقىرۋېتىش مەقسىتىدە بۇ نۇسخا بېرىلىدۇ: گۈل بىنەپشىدىن 6 گرام، كىشمىش ئۈزۈمدىن 9 دانە، كاسىن ئۇرۇقى، كاسىن يىلتىزى، قىزىلگۈل، ئاق لالە ئۇرۇقى، گۈل ھەمشىۋا ئۇرۇقى، مارجان شوخلىلارنىڭ ھەر 6 گرام ئېلىپ، ئاخشىمى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيۇپ، ئەتىگەندە سۈزۈپ، 48 گرامدىن ئېلىنغان ھۆل كاسىن ۋە ھۆل مارجان شوخلا يوپۇرماقلىرىنىڭ سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ 48 گرام گۈلقەنت بىلەن قوشۇپ ئېچىلىدۇ. بۇ نۇسخىنى بىر قانچە كۈن ئىچكەندىن كېيىن، بۇ نۇسخىغا خىيار شەنبەر پۇلۇسى6 گرام، تەرەنجىبىن، دىنار شەربىتلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 48 م ل، بادام مېغىزىدىن 7 دانە ئېلىپ قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ نۇسخا2-4 كۈن بىر ئارىلاپ بېرىلىدۇ. سۈرگە دورىسىدىن كېيىن بۇ سوۋۇتۇش نۇسخىسى بېرىلدۇ: داۋا ئىلمىشىكى بارىد (سوغۇق داۋا ئىلمىشىكى) تىن 5 گرام يەپ ئاندىن كاسىن ئۇرۇقى، مارجان شوخلا، تەرخەمەك مېغىزى، بەرگىناي قوغۇن مېغىزلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرام ئېلىپ، 60 گرام شوخلا ئەرىقىدە شىرىسىنى چىقىرىپ، 24 م ل بىنەفشە شەربىتى ئارىلاشتۇرۇپ، 3 گرام رەيھان ئۇرۇقى سېپىپ ئىچىلىدۇ ۋە بىر نەچچە كۈن ھۆل كاسىن يوپۇرماق سۈيى، مارجان شوخلا يوپۇرمىقى سۈيى ۋە بۇزۇرى شەربەتلىرى ئىچىلىدۇ.
يەرلىك ئورۇنغا دەسلىپىدە 12 گرامدىن ئېلىنغان كاسىن ۋە شوخلىلارنى ھۆل كاسىن سۈيىدە يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە 24 گرام گۈل يېغى، 6 گرام سىركە، بۇغدايدەك كاپۇر قوشۇپ تاشقىرىدىن زېماد قلىنىدۇ.
ئەگەر جىگەرنىڭ ئىششىقى بەلغەم خىلتىدىن بولسا بۇنى داۋالاش ھەم يۇقىرىقى قائىدە بويىچە بولىدۇ. ئەگەر ئىششىق جىگەرنىڭ دۈمبە تەرىپىدە بولسا، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى ھار (ئىسسىق تەبىئەتلىك ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى)، چىڭسەي ئۇرۇقى، رۈم بادىيان، جۈۋىنە، بىخ كاسىن قاتارلىقلار قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئسسىق جىگەرنىڭ ئاستىنقى سەتھىدە بولسا، ماددىنى تەڭشەش ۋە ئىچىنى ماڭغۇزدىغان (سۈرىدىغان) دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ھۆقنە قلىنىدۇ. ھۆقنىگە 3 گرام ئىيارەنج پەيقىرا، بىر يېرىم گرام غارىقۇن قوشۇپ ھۆقنە قلىنسا ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. مۇرەككەپ دورىلاردىن مەئجۈنى دەبىدۇلۋەرد، داۋا ئولكۇركۇم ۋە قۇرس زەرەشىك كەبىر قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
ئەگەر جىگەر ئىششىقى سەۋدا خىلتىدىن بولسا، بۇنى داۋالاشتا سەۋدا خىلتىنى تەڭشەيدىغان ۋە چىقىرىۋېتىدىغان دورىلار بېرىلىدۇ. سەۋدا خىلتىنى تەڭشەش نۇسخىسى: كاسىن، قىزىلگۈللەرنىڭ ھەر بىرىدىن 7 گرام، ئۇۋاق ئۈزۈمدىن 9 دانە، شاھتەررە، نىلۇپەر گۈللىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرام، مارجان شوخلىدىن 7 گرام ئېلىپ دەملەپ قاينىتىپ، 48 م ل بۇزۇرى شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ 6-7 كۈن ئىچىلىدۇ. 3- كۈنلىرى بۇ نۇسخىغا يەنە سانادىن 9 گرام، قىزىلگۈل گۈل قېنىدىن 48 گرام، بىنەپشە گۈلقېنىدىن 48 گرام، بادام مېغىزىدىن 7 دانە قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن 5 گرام مەئجۈنى دەبىدۇلۋەرد ياكى 24 م ل بۇزۇرى شەربىتى ئىچىلىدۇ ياكى قۇرس زەرەشكى ياكى قۇرس گۈل سەغرىدىن 4 گرام ئېلىپ مۇناسىپ شەربەتلەر بىلەن قۇشۇلۇپ ئىچىلىدۇ.
ئىششىقنى ياندۇرۇش ۋە يۇمشىتىش ئۈچۈن بى زىماتلار قىلىنىدۇ. ئەپنەستىن (گۈللۈك ئەمەن) دىن 4 گرام، مۇقەل، ئىكىلىلمىلىك، قىزىل گۈل، سۇنبۇل، مەستىكلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گرام، سەبرىدىن 2 گرام، بابۇنەدىن 2 گرام، قەسبۇززىرىدىن بىر گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ، كۆك شوخلا سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ جىگەر ساھەسىگە زىماد قىلىنىدۇ. ئەگەر قاتتىقلىق زىيادە بولسا، كالا يىلكىدىن 6 گرام، گۈل يېغىدىن 24 گرام، مومدىن 6 گرام ئېلىپ يۇقىرىقى دورىلارغا قوشۇپ زىماد قىلىنىدۇ.
تامىقى ئۈچۈن توخۇ گۆشىگە سالغان شوۋىگۈرۈچ، مايسىزراق، سۇيۇق، ئاسان سىڭىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ. ياغ ۋە باشقا ئىسسىقلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.