جىگەر كېسەللىكلەرى
جىگەر كېسەللىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان دىئابىت كېسەللىكى
سەۋەبى: جىگەرنىڭ ماسارىقا تومۇرى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق ماددىلار جىگەرگە كىرەلمەي، ئوزۇقلۇق بىلەن كەلگەن سۇيۇقلۇق بۆرەككە يەتكۈزۈلۈش بىلەن جىگەردە سۈمۈرۈلمىگەن قەنتنىڭ سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىشى ئارقىلىق كۆپ ئۇسساشنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى: ئېغىز قۇرۇش، كۆپ ئۇسساش، سۇنى كۆپ ئىچىش، سۈيدۈك كۆپىيىش، كۆپ يىيىش، بەدەن كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ھەمدە كۆز خىرەلىشىش، بەل، ئىككى يوتا ھەم پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.