ئۇزۇقلۇق ۋە كېسەللىكلەر

باش ئاغرىقىغا شىپالىق رېتسېپلار

ئەگەر كىشى 30گرام گۈل يېغى، 5گرام ئۇد سەلىب، 5گرام ئاق سەندەل، 5گرام بىخسۇس ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىمات تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلسا، ئېغىزمان، گەجگە، شەقىقە دەپئى بولۇر.
ئەگەر باش ئاغرىسا، گۈلبىنەپشە بىلەن قىزىلگۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، ئاق شېكەر بىلەن جەمئى قىلىپ ئىچسە، باش ئاغرىقى دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بېشى ئاغرىسا، يۇمغاقسۈت، بىنەپشە، قىزىلگۈل قاتارلىقلارنى باراۋەر مىقداردا سوقۇپ جەمئى قىلىپ، ئاق قەنت سېلىپ ئىچسە دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بېشى ئاغرىسا، ئاق لالە، كۆكنارلارنى ھۆل قىلىپ ئېزىپ، باشقا چاپسا دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىمنىڭ بېشى ئاغرىسا، يۇمغاقسۈت، گۈل بىنەپشە بىلەن گۈل سۇرۇخلارنى قاينىتىپ ئىچسە كېسەللىك يوقىلۇر.
ئەگەر كىشى شەقىقە كېسىلى بولسا، كېچىدە ئۇچرايدىغان مۈڭگۈزلۈك قوڭغۇزنى قۇرۇتۇپ، كاپۇر بىلەن يۇمغاقسۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇرنىغا تامغۇزسا مەنپەئەت قىلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بېشى ئاغرىسا،ئىسسىق يۇيۇپ قېلىن يۆگۈنۈپ ياتسا، باش ئاغرىقى قويۇپ بېرۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بېشى ئاغرىسا، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە مەنپەئەتلىكتۇر.

#P#
ئەگەر كىشى تۇرۇپ ئۇرۇقى، سامساق، قىزىل پىياز سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا، شەقىقە دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشى ئۇيىنىڭ ئۆتىنى ئۈزۈم شەربىتى بىلەن باشقا سۈرتسە، باش ئاغرىقىنى قايتۇرىدۇ. سىركە بىلەن قىزىل تاۋۇز ئۇرۇقى، پارپىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتسە، باش ئاغرىقىنى قايتۇرىدۇ.
ئەگەر كىشى قەلەمپۇر بىلەن سىياداننى پۇرىسا، باش قىيىشقا شۇ ھامان پايدا قىلۇر.
ئەگەر كىشى ئامۇت ئۇرۇقى، لوۋىيا، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ باشقا سۈرتسە، باش ئاغرىقى توختايدۇ.
ئەگەر كىشىدە شەقىقە بولسا، كېچىدە ئۇچرىغان مۈڭگۈزلۈك قوڭغۇزنى قۇرۇتۇپ يۇمغاقسۈت ئارىلاشتۇرۇپ بۇرنىغا تېمىتسا دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىسا، ۋاڭ ئۇرۇقىنى نېلۇپەر بىلەن يۇغۇرۇپ باشقا سۈرتسە دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشىدە باش تولا ئاغرىسا، گۇلاب ۋە يۇمغاقسۈت سۈيىنى سىركە بىلەن قوشۇپ پىشانىگە سۈرتسە دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشىدە باش ئاغرىش كۆپ بولسا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ قەي قىلدۇرۇلسا دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشى شەقىقە (يېرىم باش ئاغرىش) بولسا، پىيازنىڭ سۈيىنى ئۈچ قېتىم بەرسە، بۇرنىغا تېمىتسا دەپئى بولۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ بېشى ئاغرىسا، كېچە ياتار ۋاقتىدا داغمال سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيار.
ئەگەر كىشى قىزىلگۈل، گۈل گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، ئارپىبەدىيان، كاسىنە ئۇرۇقى، شۇمشا، نېلۇپەر، بىنەپشە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گرام، چىلان 15 گرام، ئەنجۈر 3 دانە، تەرەنجىبىندىن كۈندە ئىچىپ تۈگەتسە، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، باش قىيىش، ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللارنى دەپئى قىلۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button