قىزىلگۈلنىڭ شىپالىق رولى
خوتەندە ئۆستۈرۈلگەن قىزىلگۈلنىڭ رەڭگى توق بولۇپ،پۇراقلىق.خىمىيۋىلىك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ خۇش پۇراقلىق ئۇچۇچان ئېغىر ماددىسى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.قىزىلگۈلنىڭ خىمىيۋىلىك تەركىبىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا،قىزىلگۈلنىڭ گۈلى تەركىبىدە 15خىلدىن ئارتۇق خىمىيۋىلىك ماددا ،يەنى قىزىلگۈل يېغى،ئاچچىق تەملىك ماددا،تاننىن ئورگانىك كىسلاتاسى،قىزىل ۋە سېرىق بوياق ماددىسى،مۇم قاتارلىق ماددىلار بولۇپ،ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق رولى چوڭ.
قىزىلگۈل يېغى تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا ۋىتامىنC،ئېۋگىنول،كوئېرسىتىن،ۋە مەلۇم مىقتاردا مۇز كېسلاتاسى،كارۇتىن،سېرىق پىگىمىنىت قاتارلىق ماددىلار بار. قىزىلگۈل قىزىتما قايتۇرۇش،ئاغرىقنى توختىتىش،نېرۋا ئاغرىقىنى پەسەيتىش،ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش،يۈرەك،ئۆپكە،جىگەر،ئاشقازان،تال قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش ،ئەزالاردىكى ئىششىقلارنى قايتۇرۇش،ھەر خىل سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش،كۆڭۈلنى خۇشخۇي قىلىش،قاننى جانلاندۇرۇش،يەل ھەيدەش،مىجەزنى تەڭشەش،ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش،جاراھەتلەرنى قاتۇرۇش،قان توختىتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش،بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
قىزىلگۈلدىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە گۈلقەنىت،شەربەت ۋە ھەر خىل مۇرەككەپ دورىلار تەييارلىنىپلا قالماي،يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدە كونسېرۋا،پېچىنە-پىرەنىك،قىزىلگۈل چېيى،قىزىلگۈل يېغى،قىزىلگۈل ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. قىزىلگۈلنىڭ بەرگىسى،غۇنچىسى،ئۇرۇقى،خەمىكى،چىچىكى ئۇيغۇر تىبابىتىدە دورا قىلىنىدۇ.