شىپالىق رېتسىپلار

قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش

قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش

1.پىننىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2.پىننىنى سىركە بىلەن ئىستىمال قىلسا،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3.قىزىلبۇداشىنى قاينىتىپ،تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ،سۈيىنى ئىچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4.يېڭى سامساقتىن ئىككى باشنى ئاقلاپ ئېزىپ،ئۇنىڭغا گۈڭگۈرت تالقىنىدىن 9 گرام،قوۋزاق دارچىن تالقىنىدىن 3 گرام قۇشۇپ يەكشى سۈركەپ تاپانغا چاپلاپ بەرسە،ئۆپكە ئاجىزلىقى خاراكتىرلىك قان تۈكۈرۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

5.بىنەپشە،زىغىر،شومشا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرامدىن،ئىسپغۇل،قەنتلەرنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،شەربەت تەييارلاپ كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا،قان تۈكۈرۈش ۋە قان تۈكۈرۈش خاراكتىرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

6.كۈدە يىلتىزىنى سوقۇپ شىرنىسىىنى ئېلىپ،سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ئىچىلسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

  1. 31 گرام كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ،تەبىئىتىنى ساقلاپ تالقانلاپ،ھەر قېتىمدا 5 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچسە،قان قۇسۇش،قان تۈكۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.

8.كاۋا ساپىقىدىن 4 تالنى سۇدا قاينىتىپ،ئۇدا 3~4 قېتىم ئېچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button