يۈرەكنى ئەڭ ياخشى ئاسراشتىكى 6 خىل يېمەكلىك
تۇرمۇش ئۇسۇلى يۈرەك ساغلاملىقىغا نسبەتەن ئەڭ مۇھىم ھالقا. ساغلام ئىستېمال بولسا ئىچىدىكى مۇھىم بىر قىسم. ئامېرىكا « گېزىت-ژۇرنال سەھىپىللىرىدىن» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكى 8 خىل يېمەكلىك يۈرەكنى ئەڭ ياخشى ھالدا ئاسرايدىكەن:
1.ئۆرۈك مېغىزى: ھەركۈنى بىر ئوچۇم ئۆرۈك مېغىزى يىگەندە تەركىبىدىكى ۋىتامىنB2، ۋىتامىنE، ماگىنى ۋە سىنك قاتارلىقلار يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈش رولى بار. B گورۇپپا ۋىتامىن ۋە ماگىنى سېرەتوننىڭ ھاسىل بۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. سىنكنىڭ بېسىم پەسەيتىش رولى بار. ئوكسدلىنىشقا قارشى دورا ۋىتامىنE بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەركىن رادىكالنى يوقىتالايدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قىلىشقىمۇ، ئارپا بىلەن قوشۇپ ناشتىلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
- مەرۋايىتگۈل:مەرۋايىتگۈل تەركىبىدە يۈرەك ساقلىقىغا پايدىلىق بولغان ياللۇغقا قارشى ئوزۇقلۇق ماددا بار، مەسىلەن: يۇپۇرماق كىسلاتاسى، ۋېتامىنC، ۋە ۋىتامىنDقاتارلىقلار. شۇنىڭدەك مەرۋايىتگۇل (سرەبىل) ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئاسان تەييار بولىدۇ. مەرۋايىتگۈلنى ئاق ئاشلىق بىلەن يەنە زەيتۇن چېيى، لېمۇن شەربىتى پىشلىقى، قارىمۇچ قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەتىياز ۋە باش ياز پەسىللىرىدە مەرۋايىتگۈل تېخىمۇ يۇمران ھالەتتە بولىدۇ.
- كۆك بۆلجۈرگەن:كۆك بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى دورا ۋە ۋىتامىنCبار بۇلۇپ، بۇ ئىككى خىل ئوزۇقلۇق ماددا بېسىمنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول تالا بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈچەي سىپازمىسى ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆك بۆلجۈرگەننى يالغۇز ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قېتىق، بانان بىلەن قوشۇپ يېسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
- كەترەن گۈل:كەترەن گۈل تەركىبىدىكىB گۇرۇپپا ۋىتامىن ھەم يۇپۇرماق كىسلاتاسى بېسىم پەسەيتىش رولىغا ئىگە. جىددىيلىشىش، ئالاقزادە بولۇش، ھەم خاپىغانلىق كېسىلىگە پايدىلىق رولى بار.
كەترەن گۈلىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاقلىغاندىن كېيىن، ئەينەك قاچىغا سېلىپ ھۆل لاتا بىلەن ئېغىزىنى ئېتىپ مكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا بىر نەچچە مىنۇت قىزدۇرغاندىن كېيىن لىمۇن شەربىتى ۋە زەيتۇن مېيىغا چىلانسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
- يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار:پالەك، مامكاپ، تۇرۇپ كۆكى قاتارلىق يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە مول بولغان تۆمۈر ۋە ۋىتامىنC، كەيپىياتنى تېچلاندۇرۇش ھەم بېسىم پەسەيتىش رولى بولغان ۋىتامىنAھەم ماگنىي بار بۇلۇپ، بۇلار يۈرەك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئۈنۈمگە ئىگە.
- كالا گۆشى:كالا گۆشى بولسا بىر خىل مۇھىم بولغان بېسىم بوشاشتۇرىدىغان يېمەكلىك. ئۇنىڭ تەركىبىدە سىنك، تۆمۈر ۋەB گۇرۇپپا ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەيپىياتىنى تىنىچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن يەنە خۇشاللىق تۇيغۇسى قوشىدۇ.