دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن دادا بولغانلاردا كۆرۈلىدىغان تۆۋەندىكىدەك 5 چوڭ ئۆزگىرىشنى خۇلاسىلەپ چىققان.
1. خاراكتېرى تېخىمۇ مۇلايملىشىدىكەن.
دادا بولغاندىن كېيىن، ئەرلىك ھورمونى %34 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، جىنسىي ھەۋىسى مەلۇم دەرىجىدە سۇسلايدىكەن، ھۇجۇم قىلىشچانلىقى تۆۋەنلەيدىكەن، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئاسراش ئېڭى پەيدا بولىدىكەن ياكى كۈچىيىدىكەن.
2. مېڭە ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن.
دادا بولغاندىن كېيىن، ئەرلەر چوڭ مېڭىسىنىڭ پىلانلاش ۋە ئەستە ساقلاشقا مەسئۇل رايونلىرى تېخىمۇ بەكرەك تەرەققىي قىلىدىكەن.
3. ئېغىرلىقى ئېشىپ، سەمىرىپ كېتىدىكەن.
ئايالى ھامىلىدار مەزگىلدە بولغۇسى دادىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.4 كىلوگرام ئاشىدىكەن.
4. يۈرىكى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.
135 مىڭ نەپەر ئەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىسى يوق ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %17 ئېشىپ كېتىدىكەن.
5. تالاغا تېخىمۇ قارىمايدىغان بولىدىكەن.
دادا بولغاندىن كېيىن، ئەرلىك ھورمون سەۋىيىسى تۆۋەنلىگەنلىكى، ئاتىلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئاسىراش ئېڭى كۈچەيگەنلىكى دېگەندەك سەۋەبلەرنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە كۆپىنچە ئەرلەر نىكاھقا تېخىمۇ سادىق بولۇپ، تالاغا قارىمايدىغان بولىدىكەن.