ھاراقنىڭ ئەرلىك ئىقتىدار ۋە ئۇرۇققا بولغان تەسىرى
ھاراقنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارغا بولغان تەسىرى
ھاراق ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئىسپېرما(ئۇرۇق)نى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ھاراق ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان «قاتىل» ھېسابلىنىدۇ.
مەست بولغۇچە ھاراق ئىچىش ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇرۇقدان (تاشاق) نى زەھەرلەيدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، جىگەر ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاياللىق ھورموننى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئاياللىق ھورموننىڭ يىغىلىشىنى، ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجىزلىشىنى پەيدا قىلىپ، ئەرلەرنىڭ «ئەرلىك جاسارىتى» دىن مەھرۇم قىلىدۇ.
ھاراقنىڭ ئىسپېرما (ئۇرۇق) غا بولغان تەسىرى
ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەندە، ئىسپىرتتىن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش بولۇپ، ئۇرۇقدان (تاشاق) تا يىگىلەش كۆرۈلۈپ، ئۇرۇق سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئىسپېرت بولسا ئۇرۇقنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر ئىسپېرتنى بىۋاسىتە مەنى سۇيۇقلۇقى ئۈستىگە چاچقاندا، ئۇرۇقلار شۇ ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندا، بەدەن 3 ئايدا ھاراق ئىچىشتىن ئاۋۋالقى ھالەتكە قايتىپ كېلەلەيدىكەن. ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى ھاراق ئۇرۇققا روشەن تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما، مىقدار تەدىرىيجى ئارتىپ، قېتىم سانى كۆپەيگەنسېرى ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىگە جەزمەن تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پەرزەنتلىك بولۇش ئويى بار ئەرلەر مەست بولغۇچە ھاراق ئىچكەندە، ھاراقنى توختىتىپ تولۇق 3 ئاينى ئۆتكۈزىۋېتىپ، ئاندىن ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا، ئاندىن بالىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.