سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكلىرى

مەقئەتنىڭ سىرتىدىن زەخمىلىنىشى نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟

1. مەقەت يولىنىڭ سانجىلىپ يارىلىنىشى مەسىلەن، تۆمۈر پارچىسى، ياغان قىرىندىسى، بامبۇك قاتارلىق غەيرىي ماددىلارنىڭ ئادەم يۇقىرىدىن پەسكە چۈشكەندە ساغرىسى يەرگە ئۇرۇلغاندا مەقئەتنى يارىلاندۇرۇشى. بۇ خىل يارىلىنىشنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئاساسەن كۈتۈلمىگەن زەخمىلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2. ئوت ئالغۇچ قوراللار بىلەن زەخىملىنىش: يەنى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوق پارچىسىنىڭ مەقئەتكە تېگىشىدىن مەقئەتنىڭ يارىلىنىشى.

3. سوقۇلۇپ كېتىپ بولغان جاراھەت: كۆپ ھالدا بۇ روھىي نورمالسىزلىق ياكى جىنسىي بىنورمال بىمارلىرى غەيرىي ماددىلارنى مەقئەتكە سانجىپ، مەقئەت تۈز ئۈچىيىنىڭ ئىچكى قىسمىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دوختۇرخانىلاردىمۇ يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن پروكتوسكوپ، سىگموئىدوسكوپ ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بىمارنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۆزىنى تەبئىي قويىۋەتمەي، مەقئەتنى ھەددىدىن زىيادە يىغىۋېلىشى؛ ئۇنىڭدىن باشقا مەقئەت تېمپىراتۇرىسىنى تەكشۈرگەندە تېرمومېتىرنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبىدىن تېرمومېتىر سۇنۇپ كېتىپ مەقئەتنى زەخمىلەندۈرۈشى قاتارلىقلار.

بۇ خىل زەخمىلىنىشنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى يىنىك تىپتىكى زەخمىلىنىش ھېسابلىنىدۇ. مەقئەتنى ئوپراتسىيە قىلغاندا، مەسىلەن سوڭ ئاقما ئوپراتسىيىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەرىتىنى تۇتالماسلىق كېسىلى بىمارلىرى بىر قەدەر ئېغىر كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button