قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل
1) دىئالىكتىك ئانالىزى :
قان خېلىتىنىڭ ئۇفىنەتلىنىشى ئاساسلىقى قان خېلىتىغا كىسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو-جاراسىملارنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆتكۈر غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرىگە ئىگە غەيرى تەبىئى خىلىت بۇلۇپ، بۇغەيرى تەبىئى قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۇغۇم بوشلۇقىغا تەسىر قىلىپ، بۇغۇمنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىلىرى ۋە ئەتراپ تۇقۇلمىلارنى ئۈزنىڭ زىيادە غىدىقلاش، ئۈفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بىلەن غىدىقلاپ ياللۇغ پەيدا قىلىپ بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) ئالامىتى:
تومۇرى توم، تىز، يۈزە سالىدۇ.كوز ئىقى قىزغۇچ، تىل ئۈستىدە قىزغۇچ گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ بىمارغا قىزىق بىلىنىدۇ، بۇغۇملار قىززىپ،لۇقۇلداپ، چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن تۇڭۇپ تىتىرەيدۇ، ئارقىدىن قىززىيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق كۆپ بۇلىدۇ، سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ، ئىسسىق نەرسىلەردىن بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ.
3) داۋالاش ئۇسۇلى:
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە شەربەت تەرييارلاپ بىرىلىدۇ .
يۇقارقى شەربەتنىڭ تەسىرىنى تىخىمۇ كۇچەيتىپ قاننىڭ ئوتكورلوكىنى پەسەيتىپ ،ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ماددىلارنى تارقىتىش مەخسەتتە توۋەنكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى مەخسۇس مەتبۇخ ھەلىيلە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
توسالغۇلارنى ئىچىش ، ئوتكورلوكنى پەسەيتىش مەخسەتتە مەخسۇس مائۇل ئۇسۇل بارىد تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ، ياخشىلاش ۋە يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ 15-25 كۇن تاللاپ بىرلىدۇ.
ئەرقى كاسىنە ، ئەرقى چۆبىچىن ،ئەرقى سەندەل ،ئەرقى شوخلا ، ئۆشبە شەربىتى،قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن، قۇسى بىنەپشە ، قۇرسى ئۆشبە ،مۇنزىچ دانچىسى ، كاشكاپ دانچىسى، قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى .
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە ،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى، نارپىننە ئىچىملىكى.
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە: تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس ، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يەللىك يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا ، لازا- ئاچچىقسۇ….
ھەرخىل سۇغۇق ئىچىملىكلەر ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن يىمەك – ئىچمەكتىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
زىيادە ھېرىپ – چارچاشىتىن، ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن ، زۇكامداشىتىن ، زەخمىلنىشتىن ، زەخمىلەنگەن ئۇرۇننىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك .