بەدەننىڭ تۇرۇش ھالىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشئارقىلىق كېسەل تونۇش
ھەرخىل كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كېسەل كىشىلەر بەدەن تۇرقىنى تۈرلۈك ھالەتلەردە تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مېڭىش تۇرۇشنىڭ ئەركىن بولۇشى، كېسەللىكنىڭ يەڭگىلرەك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر مېڭىشى ئەركىن بولماي، گەۋدىسىنى ئۆزى يۆتكەشكە ئاجىزلىق قىلسا، بەك ئاجىزلاپ كەتكەنلىگىنى ياكى ئەس- ھوشى تۇتۇقلىغىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرى قىزىتما، بىئاراملىنىش، جۆيلۈشلەر، كۆپىنچە ئىچكى مىزاجنىڭ ئىسسىقلىغىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدەك بوھران يېقىنلىشىپ قالغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. ئوڭدا يېتىشقا مەجبۇر بولۇش، قورساق ئۈزلۈكسىز ئاغرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئۆتكۈر قورساق پەردە ئىششىقىدا كۆرۈلىدۇ. يېنىچە يېتىشقا مەجبۇر بولۇش، كۆكرەكنىڭ شىددەتلىك ئاغرىۋاتقانلىقىىن ياكى كۆكرەك پاسىلى ئىششىغانلىقتىن دېرەك بىرىدۇ. بۇ كۆكرەك پەردە ئىششىغى ( زاتىلجەنبە )، ئۆپكە ئىششىغى (زاتىلىرىيە) ۋە باشقىلاردا كۆرۈلىدۇ. ئۆرە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش، نەپەس قىيىنلاشقانلىقتىن ياتالمايۋاتقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. دەم سىقىش كېسىلى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، يۈرەك زەئىپلەشكەندە كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.
داۋامىغا دىققەت قىلىڭ…