سەھىپە ئايرىلمىغانھاۋا ھەققىدە

ھاۋانىڭ يۇرەك قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

يۇرەك قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالار ئاساسلىقى يۇرەك قىزىل قانتۇمۇر ۋە كۆك قانتومۇرلاردور.قىزىل قانتومۇر لىمفا ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى لىمفا كاناللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ ھاۋا شۇ ئەزالارنى تۇزۇشتە بىر ماددا سۇپىتىدە قاتنىشىدۇ،بۇخىل تۇزىلىشكە ھاۋانىڭ بەدەندىكى زاھىرى (ۋەكىلى) بولغان قان خىلىتى قاتنىشىدۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغاندا پۈتۈن بەدەن شۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئۆزئارا ناھايتى مۇرەككەپ ھالدا بېرىكىشى بىلەن پەيدا بولىدۇ ، ھاۋا شۇ تەننى تۈزۈشكە بىر ماددا سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. بۇخىل قاتنىشىش ھاۋانىڭ خۇسۇسىيتى بىلەن بولىدۇ. 

  شۇنداق دەپ ئېيتىمىزكى ھاۋا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۇزۇشتە بىر بىر ماددا سۇپىتىدە قاتنىشىدۇ ، بۇخىل قاتنىشىش ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرىشتىن باشقا ماددىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىرىنى تەڭشەش شۇ ئەزالارنىڭ ئومۇمى ھالەتلىرىنى تەڭشەش دىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپ ئۇ ئەزالارغا تۇۋەندىكىدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتى بولسا ماددا تۇزلىشى زىچلىق ئىتىبارى بىلەن بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئۆز خۇسۇسىيتىگە يارىشا فىزۇلۇگىيلىك خىزمەتلىرىنى بىجىرىش ئۇمىڭ تۇزلىشى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك ساددا ھالەتتە سۇ، تۇپراق ياكى ئوتتىن تۇزۇلگەن ماددىلارنىڭ مۇكەممەللىكىدە نوقسان بولىدۇ، زىچلىقى خۇسۇسىيتىگە يارىشا بولمايدۇ ، ئارلىقلىرىدا مەلۇم بوشلۇقلار ۋە كاۋاكلار شەكىللىنىپ قالىدۇ ، زىچلىقى بەك ياكى بەك كىچىك بولۇپ كەتكەن بولىدۇ ،بۇ خىل ھالەتتە تۇزىلگەن ماددىنىڭ ئەفئالى (فىزىئولوگىيسى) غەيرى تەبئىي بولىدۇ، ھاۋا ئۆزىنىڭ بوشلۇقلانى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتى ئارقىلىق قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۇزىشكە قاتنىشىپ زىچلىقىنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە يارىشا (قۇۋۋىتىگە) بەرداشلىق بىرەلېگىدەك دەرىجىدە شەكىللەندۈرىدۇ.

باشقا ماددىلارنىڭ (ئوت، سۇ، تۇپراق)  ئۆزئارا تەسىرىدە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيتى بولسا يەنە ئېيتىمىزكى مۇرەككەپ ماددا تۇزلىشى ماددىلار ئارسىدىكى (تۆت چوڭ ماددا ئارىسىدىكى) ئۆزئارا تەسىرى كۇچلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ خۇسۇسىيتىنى ئىلگىرى سۇرۇش ۋە نىسپى چەكلەش ئارقىلىق شەكىلى، خۇسۇسىيەتكە لايىق مۇرەككەپ ماددا تۇزلىشى پەيدا بولىدۇ،ھاۋانىڭ مۇرەككەپ ماددىلارنى  تۇزۇشتىكى ئۇلارنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىنى، ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش رولى ئۇنىڭدىلا بولماستىن تۆت چڭ ماددىنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇتتۇر، ھاۋا قان ئايلىنىش سىستىمىسىنى تۇزگۇچى ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيتىنى خىز مىتىگە لايىقلاشتۇرۇش رولى بولسا تۆت ماددىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئارقىلىق  بولىدۇ، ھاۋا ئۆزىنىڭ بۇخىل خۇسۇسىيتى ئارقىلىق يۇرەك قانتۇمۇر سىستىمىسىدىكى ئەزالارنى جۇملىدىن پۇتكۇل بەدەننىڭ تۈزىلىشنى تۇزگۇچى ماددلارنىڭ خۇسۇسىيتنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ، ھاۋانىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئومومىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيتى بولسا ماددىنىڭ شەكىل ھالىتى خۇسىيتىگە ماسلاشقان بولۇپ بۇخىل خۇسۇسىيەت ھاۋا ئۆزىنىڭ بىر ماددىلىق سۇپىتى بىلەن باشقا ماددلارنىڭ خۇسۇسىيتىنى ئۆزئارا تەڭشەپ ئۇ ئەزالارنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ.

  ھاۋانىڭ كەيپىياتى ئۇنىڭ ئومومىي خۇسۇسىتىنڭ يىغندىسى بولۇپ ھاۋا ئۆزىنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەت،ئالاھىدىلكنى ئۆزىنڭ كەيپىياتىغاجەملىگەن.

ھاۋائۆزىنىڭ كەيپىيات ئالاھىدىلىكىگەئاساسەن ئۆزىنڭ خۇسۇسىيتىنى بەلگىلىگەن ماھىيەتىن ئىتقانداكەيپىيات خۇسۇسىيتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button