جىنسىي تورمۇشنىڭ داۋالاش رولى
نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك مەركىزىنىڭ مۇتەخەسىسى موسكىۋىيسىچ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مەيلى سىزدە قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسۇن، كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ساغلاملىقىڭىزغا پايدىلىق ئۈنۈمى بار دەيدۇ.
ھېسىيات بىلەن بەدەن ساغلاملىقىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بولىدۇ، شۇڭا غەزەپلىنىش، غەم-قايغۇ، ئارىسالدا بولۇش، ھەسرەت چېكىش قاتارلىق پاسسىپ ھېسسىياتلار ئادەمدە جىددىيلىشىش پەيدا قىلىش، ئادەم فىزىئولوگىيىسىگە نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئاخىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
كۆڭۈللۈك جىنسىي تۇرمۇش قىزىقىش، روھلىنىش قاتارلىق ئاكتىپ ھېسىياتلارنى قوزغاپ، جىددىيلىكنى يوقىتىدۇ. موسكىۋىيسىچنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە، نېرۋا سىستېمىسى بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي ئاغرىق پەسەيتكۈچى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ توقۇلمىلىرىنى بوشاشتۇرىدۇ.
يۈرەك: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جىنسىي قانائەتلەنمەسلىك يۈرەك كېسىلىنى قوزغاتقۇچى ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ، بىر قېتىملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن 100 بەپەر يۈرەك كېسىلى بار ئاياللارنى تەكشۈرگەندە، 65 نەپەر ئايال دوختۇرخانىدا يېتىشتىن بۇرۇن جىنسىي تۇرمۇشتىن قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر قېتىملىق 133 نەپەر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ئەرلەرنى تەكشۈرگەندە، 3/2 قىسىم ئەرلەردە كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ئېغىر دەرىجىلىك جىنسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ساقلانغان.
ئىممۇنىتېت سىستېمىسى: بىر قېتىملىق سۈت بېزى راك كېسەللىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇتەخەسىسلەر جىنسىي مۇھەببەتكە قانائەتلەنگەن ئاياللارنىڭ قېنىدا T ھۈجەيرە، يەنى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئاغرىش: جىنسىي يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندە، بىر خىل تەبىئىي ئاغرىق توختاتقۇچ، ئاغرىقنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، جىنسىي يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندە چىقىرىلغان ئاكتىپ ماددا بارلىق سەزگۈ ئەزالارغا تەسىر قىلىپ، مورفىنغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ، شۇڭا ئۇ كۆپ خىل ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ. جىنسىي مۇھەببەتمۇ بىر خىل تىنچلاندۇرۇش دورىسى، ئۇ پۈتۈن بەدەنگە ھۇزۇر بېغىشلاپ، ئۇيقۇسىزلىقنى يوقىتىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش قانچە كۆڭۈللۈك بولسا، شۇنچە ئوڭاي ئۇخلىيالايدۇ.
روھىي ساغلاملىق: كۆڭۈللۈك جىنسىي تۇرمۇش ئىنتايىن ياخشى بولغان روھىي كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، سانفېرانسېسكودىكى بىر تەتقىقات ئورنى 37500 نەپەر كىشىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى ئانالىز قىلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جىنسىي تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولغان كىشىلەردە غەم-قايغۇ، زوراۋانلىق كۆز قارىشى ۋە دۈشمەنلىك ھېسسىياتلىرى ئاز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ھېسسىياتلار جورىلار ئارىسىدا كېڭەش بىلەن بىللە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە سىڭىپ كىرىدۇ، ئىللىق تۇرمۇش كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى بولغا قەلبى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ياردەملىشىدۇ.