بالىلاردىكى دەم سىقىلىش (تېلىقىپ قېلىش) ھەققىدە
بالىلاردىكى دەم سىقىلىش (ئەل ئارىسىدا تېلىقىپ قېلىش دېيىلىدۇ) كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، كۆپ ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بالا چوڭلىغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
بالىلاردىكى دەم سىقىلىش بولسا بالىلار سىرتقى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ يىغلىغاندا، نەپەس توختاپ قېلىپ، ئوكسىگېن سۈمۈرۈلمەي، كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىۋېتىلمەي ئورگانىزمدا يىغىلىپ قالىدۇ-دە، بالىلاردا كالپۇك كۆكۈرۈش، پۇت-قولى قېتىپ قېلىش، ھەتتا تارتىشىپ قېلىش، قىسقا مۇددەتلىك ھوشىدىن كېتىشكە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار قىسقا بولسا نەچچە ئون سىكۇنىت، ئۇزاق بولسا 3-2 مىنۇت داۋام قىلىدۇ، كېيىنچە بارا-بارا نەپەس ئەسلىگە كېلىپ، مۇسكۇللار بوشىشىپ، ئەس-ھوشىمۇ جايىغا كېلىدۇ.
بالىلاردىكى مېڭە توقۇلمىلىرى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى بەك تۇراقلىق بولۇپ كەتمەيدۇ. بالىلار ئاچچىقلانغاندا ياكى قورقۇپ كەتكەندە، مېڭە پوستلاق قەۋىتى زىيادە جانلىنىپ كېتىپ، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇشى قىسقا مۇددەتلىك ئىشتىن قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.
بالىلاردا دەم سىقىلىش كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار جىددىيلىشىپ نېمە قىلارنى بىلمەي قېلىشقا بولمايدۇ، بالىنى كارۋاتقا تەكشى ياتقۇزۇپ، كىيىملىرىدىكى تۈگمىلەرنى يېشىپ، بالىنى بىر خىل ئازادە ھالەتكە ئەكىلىپ، نەپەسنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بالىنىڭ يۈز قىسمىغا يەڭگىل پۈۋلەپ بېرىپ، مېڭىدىكى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش، تاپان ياكى دۈمبىسىگە يەڭگىل شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ بېرىش كېرەك؛ ئەھۋالغا قاراپ كۆكرەكنى بېسىپ بەرگەندە نەپەسنىڭ تېز سۈرئەتتە نورماللىشىغا پايدىلىق. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ھەرگىزمۇ بالىنى پەپىلىدىم دەپ چىڭ باغرىغا بېسىۋېلىشقا، بولۇپمۇ بالىنىڭ بويۇن قىسىمىنى قۇچاقلاپ بوغۇۋېلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالىملار، بالىلاردىكى دەم سىقىلىش تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ. كلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، دەم سىقىلىش كۆرۈلگەن بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمىدا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولىدىكەن، ھەمدە بۇ خىل بالىلارغا تۆمۈر ماددىسىنى 3-1 ئايغىچە تولۇقلىغاندىن كېيىن، دەم سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. شۇڭا، دائىم دەم سىقىلىش كۆرۈلىدىغان بالىلار دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈتۈپ باقسا ۋە مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، زۆرۈر تېپىلسا تۆمۈر تولۇقلاشلىق داۋالاش قىلسا بولىدۇ.