ئانانىزىمنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ ئويناپ جىنسىي ھەۋەسنى قاندۇرۇش جەلق(ئانانىزىم) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە زەكىرىنى ئويناش ئارقىلىق، ئاياللار بولسا دىلچىق، تاناسىل يولى، ئەمچەك توپچىسى قاتارلىقلارنى سىلاش ئارقىلىق جەلق قىلىدۇ. ئۇ يېتىلگەن ئەر-ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل جىنسىي قىلمىش. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، %90 ئەرلەر، %60تىن يۇقۇرى ئاياللاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن بولىدۇ.
ئادەتتە، ئانچە-مۇنچە، ياكى توي قىلىمىغانلارنىڭ ئايدا 1-2 قېتىم جەلق قىلىشىنىڭ سالامەتلىككە تەسىرى بولمايدۇ. ئەمما، زىيادە جەلق قىلىش بەدەنگە بەزى يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ئادەم ئۆزىگە ئاچچىقلىنىدىغان، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدىغان، قورقۇدىغان بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، بىر قىسىم پسىخىكىسى مۇقىم ئەمەس، سەزگۈرلىكى يۇقۇرى كىشىلەردە شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان زىددىيەتلىك پسىخىكا ئوخشاش بولمىغان پسىخىكا غەيرىلىكى پەيدا قىلىپ، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
زىيادە جەلق پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئىرادىسى ئاجىزلاش، ئەستە ساقلاش كۈچى ئاجىزلاش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىقلار. ئېغىرلىرىدا تولا ئېھتىلام بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. جەلق ئارقىلىق ئېرىشكەن لەززەت بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، كېيىنكى نورمال جىنسىي تۇرمۇشتا ئۇنچىلىك لەززەتكە ئېرىشەلمەي، سپىرما ئېتىلىپ چىقماسلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. زىيادە جەلق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە سپىرما چىقىرىش مەركىزىنى ھەددىدىن زىيادە غىدىقلاپ ھاردۇرىۋېتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ مەركەزلەر غىدىقلىنىشتىن تورمۇزلىنىشقا ئۆتۈپ، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى سۇسلاپ كېتىدۇ.
زىيادە جەلق يەنە مەزى بېزى ياللۇغى، سپىرما خالتىسى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۇرۇقدان (تاشاق) بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى، زىيادە جەلقنى تۈگىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئىرادىنى چىڭىتىپ، ناچار ئادەتنى تاشلاش مەيدانىڭىزدا چىڭ تۇرۇشتا. كونكىرت ئىشلارغا كەلسەك، يات جىنىسلار توغرىسىدىكى ئوي، خىيال، تەسەۋۇرلاردىن ئىلاج بار يىراق تۇرۇڭ. ئۆزىڭىزنى ئۈگۈنۈش ياكى خىزمەتكە ئۇرۇپ تۇرۇڭ. خالىي مۇھىتتا ھەرگىز يالغۇز ھەم بىكار قالماڭ. ھامان بىر ئىشقا ئەمەك بولۇپ تۇرۇڭ. دوستلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ. ئىزچىل ھالدا تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىڭ.
مۇشۇ ناچار قىلىقنى تاشلىسىڭىزلا، سالامەتلىكىڭىز ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. دورا ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى بۇندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ بەلگىلىسەك بولىدۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز.