ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى

تىلغا قوقاق چىقىش

     بۇ ئېغىز ئىچى، قوۋۇز ئىچكى تەرىپى، تىل يۈزى ۋە تىل چۆرىسى،كالپۇك شىللىق پەردىلىرىگە چىققان مۇدۇر ۋە قوقاقلارنى كۆرسىتىدۇ.
     سەۋەبى : مەزكۇر كېسەللىك  ئاساسەن قاننىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كۆپىنچە سەپرا ئارىلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، ئېغىز ئىچى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەخمىلىنىش نەتىجىسىدە ئېغىزغا جەراسىملار ئورۇنلىشىش قاتارلىقلاردىنمۇ مەزكۇر كېسەللەك كېلىپ چىقىدۇ.
   داۋاسى: ئالدى بىلەن كېسەللىك ماددىسىنى بەدەندىن تازىلاپ چىقىرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، مەتبۇخى ھەلىيلە ئىچكۈزۈش كېرەك، . ئاندىن كېيىن قىزىلگۈل، مارجان شوخلىسى، مارجان شوخلا يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى، يۇمغاقسۈت، كۆك ماشلارنى سىركە بىلەن قاينىتىپ سۈزۈپ، مەزكۇر سۇيۇقلۇق بىلەن ئېغىزنى چايقاش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button