ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى

ئۇخلىغاندا چىشنى غۇچۇرلىتىش

      ئۇخلىغاندا چىشنى غۇچۇرلىتىش ئۇخلىغاندا بىمارنىڭ چىشىنى تۇرۇپ-تۇرۇپ غۇچۇرلاتقانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى : ئىچكى- تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بەلغەم ماددىسى ئارتىپ گۆش ۋە پەيلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە فالەج، سەرئى، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ باشلىنىشىدا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. ئۈچەي مەددە قۇرتى قاتارلىق پارازىت قۇرت كېسەللىكلىرى پەيدا بولغاندا ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
      ئالامىتى: كۆپىنچە ھاللاردا كېچىسى ئۇخلىغاندا بىمار چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ. بىمارنىڭ ئۆزىگە كۆپىنچە ھاللاردا بىلىنمەيدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن سېزىلىدۇ.
     ئەگەر بەلغەم ماددىسىدىن بولغان بولسا، ئىسسىقلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ياكى يېشى چوڭايغانسىرى چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئازىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. ئۈچەيدە مەددە قۇرت بولسا، قورساق ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. باشقا بىرەر كىسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا، سەۋەبلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندە شۇنىڭغا خاس بەلگىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ.
     داۋاسى: ئەگەر بەلغەم ماددىسىدىن بولسا، ئىيارەج فەيقەرا بىلەن زىيادە بەلغەم ماددىسىنى تازىلىغاندىن كېيىن ئىترىيفېلى كەبىر، داۋا ئىلمىشكى، ماددە تۇلھايات قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ.
     ئەگەر ئۈچەيدە مەددە قۇرت بولغانلىقتىن بولسا قۇرت چۈشۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. تاشقى تەرەپتىن قۇستە يېغى ۋە سۆسۈن يېغى بىلەن گەدەن، ئىڭەك ۋە قۇلاق ئەتراپىنى ياغلاش كېرەك. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button