بۇرۇن قىچىشىش
بۇرۇن قىچىشىش بۇرۇن ئىچى ئۆزلىكىدىن قىچىشىپ، غىدىقلانغانلىقىغا ھەمدە شۇ تەسىردىن كۆزدىن ياش، بۇرۇندىن سۇ ئاققانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى:
1 . ئىچكى-تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن سەپرا ياكى سەۋدا ماددىسى غالىپ كېلىپ ئۆتكۈر ئىسسىقلىق بۇرۇن ئىچى شىللىق پەردىلىرىگە يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بۇرۇن ئۆتكۈر قىچىشىدۇ.
2. يەللەرنىڭ مېڭە ۋە چېكە تومۇرلىرىدا توختاپ قالغانلىقى، بۇرۇننىڭ يەرلىك ئورنىدا يەلنىڭ تەسىرىدىن قىچىشىش، قىزىرىش، قىسمەن چاقىلار چىقىش قاتارلىقلار يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇرۇن قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
3. تازىلىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماي، بۇرۇن تۈكلىرىنى يۇلۇش ياكى قىرقىش سەۋەبىدىن تۈكلەر يىرىكلىشىپ بۇرۇن ئىچىنى غىدىقلاپ بۇرۇن قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. بەزىدە زۇكامنىڭ نەزلە سۈيى بۇرۇن ئىچى شىللىق پەردىلىرىدە توختاپ قېلىپ ئوقۇنەت ھاسىل قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن تەدرىجىي ھالدا بۇرۇن قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى كىشىلەردە بۇرۇن ئىچىگە ئۇششۇق مۈدۈرلەر چىقىپ ساقايغاندىن كېيىنمۇ ئاسارىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يەلگە ئايلانغانلىقتىن بۇرۇن قىچىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە ئاتىشەك (سىفلىس) كېسىلى تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇرۇن ئىچى قىزىرىپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى :
1، سەپرا ياكى سەۋدادىن بولغان بۇرۇن قىچىشىشتا شۇ خىلىتلارغا خاس ئالامەتلەرگە سىرت ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېسە ياكى قۇرغاق ھاۋاغا چىقسا بۇرۇن ئىچىنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە قىچىشىشى كۈچەيگەنلىكى بىلىنىدۇ. كۆزدىن ياش، بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ. چىققان ياش ۋە سۇيۇقلۇقلار ئىسسىق ھەم ئېچىشتۇرۈپ كېلىدۇ.
2 . بۇرۇنغا جاراھەت چىقىدۇ. قۇرغاق ھاۋا ، ئىسسىق ھاۋا تەسىر قىلمىسىمۇ قىچىشىدۇئ بەزىدە بۇرۇن قىزىرىدۇ. چاقا كۆپ چىقىپ بۇرۇن كۆپ قىچىشسىمۇ ياش ۋە بۇرۇندىن ئانچە كۆپ سۇيۇقلۇق كۆپ ئاقمايدۇ.
3. بىماردا بۇرۇن تۈكلىرىنى يۇلىدىغان ۋە قىرقىيدىغان ئادەت بولىدۇ. ئومۇمىي بەدەن ۋە بۇرۇندا بۇرۇن قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا ئەھۋاللار بولمايدۇ.
4. بىماردا دائىم زۇكام بولۇپ سۇلىرىنىڭ بۇرۇنغا يامان تەسىر قىلغانلىق ۋە ئاتىشەك (سىفلىس) كە گىرىپتار بولغانلىق تارىخى بولىدۇ.