بۇرۇن كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۇرۇن قورۇلۇش

    بۇرۇننىڭ قۇرۇلۇپ قېلىشى ( ئىنقىبازۇلئەنفى) نەپەس ئالغاندا بۇرۇن تۆشۈك قاناتلىرىنىڭ ئىچىگە تارتىشىپ قورۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. مەزكۇر كېسەللىك كۆپىنچە كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
    سەۋەبى: مەزكۇر كېسەللىك كۆپىنچە پۈتۈن بەدەن، بولۇپمۇ مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ، بۇرۇنغا تەسىر قىلغانلقىتىن بۇرۇن قاناتلىرى بوشاپ، بىمار نەپەس ئېلىش بىلەنلا بۇرۇن قاناتلىرى قورۇلۇپ قالىدۇ.
    ئالامىتى: مەزكۇر كېسەللىك ئادەتتە چوڭلارغا قارىغاندا كىچىك بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.  گەرچە بۇرۇندا باشقا غەيرىلىك بولمىسىمۇ، نەپەس ئالغاندا بۇرۇن قاناتلىرى نەپەس بىلەن تەڭلا تارتىلىپ قورۇلۇپ قالىدۇ. گەرچە تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ دىمىقتۇرۇپ بىمارنى بىئارام قىلىدۇ. لېكىن نەپەس چىقارغاندا بۇرۇن يەنە ئەسلىگە قايتىدۇ.
    داۋاسى: سۈت ئېمىۋاتقان بالا بولسا بېشىغا دائىم ئانىسىنىڭ سۈتىنى سېغىش كېرەك. يېڭى سېغىلغان سۈتنى ئۇيۇتۇپ بېشىغا چاپلاپ، ئۈستىگە ئىسپىغۇل يوپۇرمىقىنى يېپىپ قويۇش كېرەك. بۇرۇنغا بىنەپشە يېغى تېمىتىش، باش ساھەسىنى خەشخاش سۈيى بىلەن يۇيۇش كېرەك. ئانىسى ئىسسىقلىق پەيدا قىلغۇچى يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز  تۇتۇپ، ئارپا ئۇنىدىن قىلىنغان تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button