ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
تۇنۇش
ئۆتكۇر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغلىنىپ كېلىنكىدا قورساق ئاغرىش،كۆڭۇل ئېلىشش،قۇسۇش،ئېغىر بولغاندا شوك بولۇش ۋە قورساق پەردىسى ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ كېلىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدىغان ئۆتكۇر قورساق كېسەللىكدىن ئىبارەت.
سەۋەبى
ھەرخىل ئۇچەي ياللۇغلىرى ،تاش كېسەللىكلىرى،مەددە قۇرۇت كېسەللىكلەر تەسىرىدىن ئۆت باش كانىلى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز كانالچىسىنىڭ توسۇلىشى،ھەمدە زىيادە تۇيۇنۇش،مايلىق تاماقلارنى كۆپ يىيىش،كۆپ ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشلىنىشنىڭ كۇچيىشى ۋە باشقا جىگەر ياللۇغى،ئۇچەي كىزىكى،قورساق ئوپراتسىيەلىرى قاتارلىقلار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى
ھەر قانداق ياشتىكىلەردە بولىدۇ، بولۇپمۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ، ئاساسلىق ئالامىتى قورساق ئاغرىش بولۇپ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، كۆپۇنچە ھاراق ئىچىش ياكى زىيادە تۇيۇنۇش بولغاندىن كېيىن قوزغايدۇ، ئاغرىش ئورنى ئۇستۇنكى قورساق قىسمىدا بولۇپ، چىدىغۇسىز دەرىجىدە قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئاغرىش بەل تۆش ۋە تاغاق قىسىملىرىغا تارقىلىدۇ. ئوڭدا ياتقاندا ئاغرىش ئېغىرلىشىدۇ، ئولتۇرغاندا ياكى تۇگۇلىۋالغاندا يېنىكلەيدۇ. ئاغرىش كۆپۇنچە بىر ھەپتە ئىچىدە يوقىلىدۇ. كۆڭۇل ئېلىشش،قۇسۇش 2-3كۇن ئىچىدە يوقىلىدۇ. بەزى بىمارلاردا سۇسىزلىنىش بولىدۇ. كېسەللىكنىڭ باشلىنىشىدا ئىچى سۇرۇش بولۇپ كېيىنچە قەۋزىيەت بولىدۇ، ئەگەر ئۆت يولى كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلسە سېرىقلىق بولىدۇ، ورساقنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش بولىدۇ، قورساق موسكۇللىرى يېنىك جىددىيلىشىدۇ، قورساق كۆپۇش،ئۇچەي تاۋۇشى يوقۇلۇش،ئەگەر قورساق بوشلىقىدا سۇيۇقلۇق يېغىلسا يۆتىلىشچان بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى يېرىلىپ ئېغىز قاناش بولسا شوك يۇز بېرىدۇ. تېرىلەردە كۆكىرىش قول-پۇتلار مۇزلاش تومۇرى سوقۇش ئاجىزلاش،قان بېسىم تۆۋەنلەش ئالامىتى بېرىلىدۇ بەزى بىمارلاردا ئۇرۇقلاش تىپىك بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبىنى يوقىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:
قۇستە،پەربون،خام رەۋەن،تازىلانغان شور،جىنتىيانا 9گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مۇۋاپىق مىقتاردىكى سۇغا چىلاپ قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ماددىنى يۇمشىتىش،ئاشقازاننى قۇۋەتلەش .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىترىدىن ئىچىلىدۇ.
2-رىتىسپ:
ئارپا بادىيان،رۇم بادىيان،چۇچۇكبۇيا يىلتىزى ،چىڭسەي ئۇرىغى قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ھەزىمنى ياخشىلاش ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
3-رىتسىپ:
چىڭسەي يىلتىزى،گاۋزىبان،ئۇستىقۇددۇس،قوغۇن ئۇرىغى.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 60مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
4-رىتسىپ:
كاسىنە ئۇرىغى،جۇۋىنا،ئىگىر،زەنجىۋىل،پىننە قاتارلىقلار 10گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى مىقدارى بويىچە ئېلىپ قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ھەزىمنى ياخشىلاش ،ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
5-رىتسىپ:
ئاق لەيلى ئۇرىغىدىن مۇۋاپىق مىتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئاق لەيلى ئۇرىغىنى سوقۇپ ئىسسىق سۇدا يۇغۇرۇپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش،ئاغرىق پەسەيتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە بىر قېتىم تېڭىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:ھەببى تانىكار بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:سەبرى سوقۇتىرى 64گىرام،قارىمۇچ 48گىرام،تانىكار 8گىرام،ئاق بەزىرۇلبەنجى 10گىرام.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ 0.25گىرامدىن ھەب تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، يەل ھەيدەيدۇ.
ئىشلىتىلىشى:قەۋزىيەت،قورساق ئېلسىلىپ قېلىش،ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارغا بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە بىر قېتىم 3تال ئىستىمال قىلىنىدۇ.
2-رىتسىپ:ھەببى شىپا بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ئىت ياڭىقى 36گىرام،رەۋەن 24گىرام،زەنجىۋىل ،سەمىغى ئەرەبى 12گىرامدىن.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى سوقۇپ تاسقاپ قايناقسۇ بىلەن خېمىر قىلىپ 0.2گىرامدىن ھەب تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:ئاغرىق پەسەيتىدۇ، قىزىتما چۇشۇرىدۇ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى،ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر، ئۇچەي كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 2-3تالدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
3-رىتسىپ:بەرشىشا كەبىر بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ئاقمۇچ،قارىمۇچ،ئاق بەزىرۇلبەنجى 80گىرامدىن،ئەپىيۇن 40گىرام،زەپەر 20گىرام،سۇمبۇل،ئاقىرقەرھا،پەرپىيۇن،لىسانۇر ئەسافىر 4گىرامدىن،ھەسەل 900گىرام.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ ئېرىتىپ كۆپۇكى ئېلىنغان ھەسەل سۇۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئارقدىن ئەپىيۇننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ كەينىدىن قالغان باشقا دورىلارنى سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى :ئاغرىق پەسەيتىش،خۇمارنى پەسەيتىش،بەدەننى قېزىتىش،يۆتەل پەسەيتىش تەسىرى بار.
ئىشلىتىلىشى:ئىسسىق-سوغۇق،ھۆل-قۇرۇقتىن بولغان زۇكام،نەزلە،باش قېيىش،كۆز قاراڭغۇلىشش،قولاق غۇڭۇلداش،لەقۋا،پالەچ،سەرئى رەئىشە،ئۇيقۇسى كەلمەسلىك،ئەپىيۇننىڭ خۇمارىنى يوقىتىش،پەي زەئىپلىكىگە ئېغىز پۇراشقا ،شال ئېقىش،قۇلۇنجى،قورساق ۋە ئاشقازان ئاغرىقى،جىگەر ئاغرىقى،جىگەر ئاجىزلىقىغا ئىسستىسقا،ئۇرۇقلاپ كېتىش،جىنسى ئاجىزلىق مەنىينىڭ تىز كېتىشىگە يۆتەلگە زەھەر قايتۇرۇشقا بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە بىر قېتىم 3-5گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
4-رىتسىپ:جاۋارىش كۇمۇنى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى(ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشىدا سۆزلەندى)
5-رىتسىپ:جاۋارىش جۆز بېرىلىدۇ.
تەركىۋى(بەلغەمدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىدا سۆزلەندى)
6-رىتسىپ:ئەرقى پۇدىنە بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:يالپۇز 1كىلو، سۇ 6لېتىر.
تەييارلىنىشى:دورىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ پار قازاندا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:ھەزىمنى ياخشىلاپ ئاشقازاننى كۇچەيتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:ئاشقازان كېسەللىكىگە بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
7-رىتسىپ:مەجۇنى ئىستەمخىقۇن بېرىلىدۇ. تەركىۋى:قۇستە،ھۇماما،مورمەككى،سۇمبۇل،قېلىن دارچىن،مەستىكى،ئۇزۇنچاق زىراۋەندە،قارىمۇچ،چىڭسەي ئۇرىغى،قارا كۆز بادىيان ئۇرىغى،رۇم بەدىيان 36گىرامدىن، جۇۋىنا،زىرە،تاغ سەۋزىسى ئۇرىغى،تاغ چىڭسەي ئۇرىغى، دىسىڭ، ئاسارۇن،كاشىم،ئەفسەنتىن ،پىننە،يالپۇز 12گىرامدىن.ھەسەل 2ھەسسە.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى سوقۇپ تاسقاپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:بەلغەمدىن بۇزۇلغان مىزاجىنى ئوڭشايدۇ، ئاشقازان ئاجىزلىقى،ئاشقازان ئاغرىقى،جىگەر ئاجىزلىقى،ئىستىسقا قاتارلىقلارغا بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:ئىستىسقا كېسەللىكىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 7-10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
8-رىتسىپ:جاۋارىش ئەنبەر بېرىلىدۇ.
تەركىۋى(ئاشقازان مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بوزۇلىشىدا سۆزلەندى)
9-رىتسىپ:جاۋارىش ئامىلە بېرىلىدۇ.
تەركىۋى(ئاشقازان مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بوزۇلىشىدا سۆزلەندى)
10-رىتسىپ:مەجۇنى داۋائىل مىشكى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:زۆرۇنباد،دۇرنەج ئەقرەب،مەرۋايىت،كەھرىۋا،بىخ مارجان 40گىرامدىن،قىرقىلغان پىلە،ئاق بەھمەن،قىزىل بەھمەن،سازەج ھىندى،سۇمبۇل،قاقىلە،قەلەمپۇر 20گىرامدىن،ئۆشنە،پىلپىل،زەنجىۋىل 16گىرامدىن،ئىپار 8گىرام،ھەسەل 3ھەسسە.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ پىلە غۇزىكىنىمۇ ئەلگەكتىن ئۆتكىدەك يۇمشاق قىرقىپ ھەسەل ئۇستىگە سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەيدۇ.
ئىشلىتىلىشى:نېرۋا ئاجىزلىقى،سوغۇقتىن بولغان يۇرەك-ئاشقازان ئاجىزلىقى،قان ئازلىق ئۇمۇمى بەدەن سۇۋۇپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.