ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ئىچكى ئەزايىمىز ئۈچەينى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟

ئۈچەينى ئاسىراش:
(1) ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە دېققەت قىلىش، ئىسسىق- سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇش، زىيادە سوغۇق تېيىلغاق، سوغۇق قۇرۇغۇچى، ئىسسىق تۇتقۇچى يىمەكلىك ھەم دورا- دەرمەكلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. زىيادە سوغۇقلۇق ھەزىم قىلىشتا مەلۇم مۇھىت تىمپىراتۇرسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنى مۇھىت تىمپىراتۇرسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۈچەي ھەركىتى ھەم ھەزىم سۇيۇقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. زىيادە سوغۇق كەيپىيات ئەزالارنىڭ ھەركىتىنى سۇسلاشتۈرىدۇ، نەتىجىدە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىگە تەسىر يىتىپ ئۇنىڭ ھەركىتى سۇسلىشىدۇ. ئىسسىق- سوغۇق نەرسىلەر ئإچەيگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان ھالەت ئۆزگۈرۈشى ئاشقازاننىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. NH4+نىڭ كأپلەپ پارچىلىنىپ NH4+نىڭ ئىرىتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدىكى شىلىملىق ماددىلار كۆپۈيۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاغرىش، قاناش خارەكتىرلىك ئۈچەي مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. سوغۇق نەرسىلەر ئۈچەي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئإچەينىڭ شۈمۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاممۇنىي كىسلاتا ئېشىپ كېتىدۇ. ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ئېشىپ كېتىپ كاللەكلىتىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ئىسسىق قورغاق نەرسىلەر ئۈچەي ھارارىتىنى ئاشۇرۋېتىپ ئۈچەينىڭ يىرىكلىشىش ۋە نىئوسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاممۇنىي ئىئۇننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدە سۈركۈلۈش ھالىتى كېلىپ چىقىدۇ. ھەم ئۈچەينىڭ زىدىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۈچەي يارىسى، ئۈچەي تېشىلىش، ئۈچەي سىلى، ئۈچەي كېزىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. (2) زىيادەە غىدىقلىغۇچى، قوزغاتقۇچى، ئاچچىق يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى كأپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن: ھاراق، لازا…. قاتارلىقلار، ھاراق بولسا بىر قىسىم ھەزىم سۇيۇقلۇغى ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇرۇغىچى نەرسىلەر تۇتۇش، توختۇتۇش رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچىگە تەسىر يىتىپ يەنى ئاشۇرۋېتىپ يىمەكلىكنىڭ پارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۈچەي قاناش، بۇۋاسىر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. (3) ئىجابەت ۋاقتى( چىقىرىش) نورمال بولۇش، ۋاقىتتا چىقىرىش پائالىتىيىنى ئۆز ۋاقتىدا نۇرمال داۋاملىشالايدۇ. بەزى ھاللاردا قىززىتمىلىق كېسەللەردا ئىجابەت ۋاقتىدا بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. زۇكامدن ئېغىر قىززىش بولسا چوڭ تەرەتنىڭ كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كىلىزما قىلىش ئارقىلىق ئىجابەت پائالىيىتىنى نورمال قىلىش لازىم. ئەگەر چوڭ تەرەت نورمال بولمىسا H2Sكىسلاتاسىنىڭ قايتا سۈمۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر بولسا گۈڭگىرىت سولفىت بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا قەۋزىيەت، ئۈچەي تولغۇشىش، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. (4) قورساق توق ۋاقىتلاردا ئۈچەي ئالمىشىپ قېلىش، ئۈچەي تولغۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جىددى ھەركەتلەردىن ساقلىنىش، تاماق يەپ بولۇپ Km4- 3 سەيلە قىلىش لازىم. (5) ئۆگىنىش، دەم ئېلىش، بولۇپمۇ جىنسى تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش، بۇلار بىۋاستە مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەركىزى نىرۋا سصستىمىسى بولمىسا ئاشقازان ئۈچەيلەرگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. ھەم يۈرەككە، جىگەرگە تەسىر قىلىپ يۈرەك، جىگەر زەئىپلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button